خەنزۇچە نامى: 柳树
تونۇش: بۇ تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان ھەممىگە مەشھۇر بولغان دەرەخ سۆگەت بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ شېخى، يوپۇرمىقى، ئۇرۇقى ۋە پوستى قاتارلىقلار دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: گۈلى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق، يوپۇرمىقى قۇرۇق سوغۇق، ئۇرۇقى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: ھارارەت پەسەيتىش، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى، لىمفا سىلى، رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، شاپاق يارىسى، تۈتۈ قۇرت، ئۆتكۈر بادامسىمان بەز ياللۇغى، يۇقىرى نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىشى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، مۇپاسىل، ئۇششاق بوغۇملار ئاغرىقى، تامغاق ۋە كېكىردەك ياللۇغى، بالىياتقۇ ياللۇغى، چىيقان قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سۆگەت شېخىنىڭ ئۇسارىسىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچسە بەلغەم، سەپرا، سەۋدانى سۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇتقاقلىق كېسەل ۋە تەپلەر ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، يەرقان ۋە تالنىڭ قاتتىقلىقىنى يوقىتىدۇ، بالىياتقۇنىڭ ئېغىزىنى ئاچىدۇ، مۇپاسىل ۋە كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى، چايان چاققان ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ، ئۇسارىسى قۇلاققا تېمىتىلسا قۇلاقنىڭ كىرلىرىنى تازىلايدۇ. بۇنىڭ يوپۇرماق ۋە شاخلىرىنى قاينىتىپ ئىلمان ھالدا سۈيىدە ئولتۇرسا ئەزالارنىڭ ئۆزگىرىشىنى يوق قىلىدۇ، بۇنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى تېگىگە سېلىپ ئۇخلىسا جىگەر ۋە يۈرەكنىڭ قىزىقلىقىنى يوقىتىدۇ، سۆگەتنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ كۆزگە چاپسا كۆزنىڭ چانىقىغا يەتكەن زەھەرلەرگە پايدا قىلىدۇ، قاننى توختىتىدۇ، سۆگەتنىڭ ھۆل يوپۇرمىقنى چاينىسا ياكى مۇۋاپىق مىقداردا ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچسە قان خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشكە پايدا قىلىدۇ، بۇنىڭ پار سۈيى قىزىق خاپىغان، چېچەك ۋە باشقا ئۆتكۈر قىزىتمىلارغا پايدا قىلىدۇ، سۆگەت قوۋزىقىدىن ياسالغان ياسالمىلار ئىچ سۈرۈشنى توختاتقۇچى ۋە قىزىتما پەسەيتكۈچى، مەددە چۈشۈرگۈچى، قان توختاتقۇچى خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇندىن باشقا سۆگەت قوۋزىقى بەزگەك كېسىلىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. سۆگەت قوۋزىقىنىڭ قاينىتىلمىسى ياكى تالقىنى چىيقان قاتارلىق جاراھەتلەر ۋە يىرىڭ يىغىلغان خالتىلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: مۇۋاپىق مىقداردا سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ، ئىچىدىن يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 25-60 مىللىگرامغىچە بېرىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: گۇلاب، شېكەر.
ئورۇنباسارى: خېنىگۈلى، نېلۇپەر.
چىقىش ئورنى: شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
قوشۇمچە: سۆگەت دەرىخىنىڭ ئستىدىن ئۈنۈپ چىققان پور (يەر مەدىكى) ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، يەللەرنى تارقىتىدۇ.
سۆگەتنىڭ شېخى ۋە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى سوغۇق ۋە زەھەرسىز بولۇپ، سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىدە قاينىتىپ يۇيۇپ بەرسە پايدا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قايناتقان سيى بىلەن يەلدىن بولغان ئىششىقلارنى ۋە قىچىشقاقلارنى يۇيۇپ بەرسە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. كلاسسىك كىتابلاردا سۆگەت شېخى ۋە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزسە سېرىقكېسەلنى داۋالايدۇ. ئاغرىق پەسەيتىپ ئىشىقلارنى قايتۇرىدۇ. ئۇنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپ ئىچكۈزسە ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. قاتتىق تولغان كېسىلىگىمۇ پايدا قىلىدۇ. سۆگەتنىڭ قۇرۇغان يوپۇرماقلىرىنى سوقۇپ ئىچكۈزسە، سىل كېسىلىدىكى قان تۈكۈرۈشنى داۋالايدۇ ھەم نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىپ كۆكرەك چىڭقىلىشلارنى يوقىتىدۇ. سىرتتىن تېڭىلسا يارىدىن چىققان قاننى توختىتىدۇ ۋە ئىششىق قايتۇرىدۇ.
سۆگەت ئۇرۇقى ( بۇ چېچەك چىقارغان شاخنىڭ ئۇچىدىكى قاتتىقراق چېچىكى) بولۇپ، ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، ئۆزى زەھەرسىز بولۇپ جاراھەتلەرنى داۋالاش، يىرىڭ ۋە ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
سۆگەت چېچىكى (پوتلىسى) يەل ھەيدەش، كۆز قاراڭغۇلىشىشنى داۋالاش، قۇلاق ئاغرىقى ۋە چاچ چۈشۈشنى توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قاينىتىپ سۈيىدە ئېغىز چايقىسا چىشنى چىڭىتىدۇ. ئىچىپ بەرسە ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号