دىئابېت كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ئانچە تەس ئەمەس. تەس بولغىنى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ دىئابېت كېسىلى بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلاش. بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلسە دىئابېت كېسىلىنى ئېنىقلاپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارا كېرەك:
(1) جەمەتىدە دىئابېت كېسىلى تارىخى بارلار.
(2) سېمىزلەر، بولۇپمۇ ئەسلى سېمىز بولۇپ ھازىر ئورۇقلاپ قالغانلار، ماغدۇرسىزلانغانلار.
(3) ئۈچ كۆپ، بىر ئاز ئالامىتى كۆرۈلگەنلەر.
(4) كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقانلار.
(5) تېرىسى قىچىشقانلار، تېرىسى زەخمىلىنىپ ئۇزاققىچە ساقايمىغانلار.
(6)ھاراق، تاماكىغا خۇمارى بارلار، بۇنىڭ ئىچىدە تاماكىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە بولغان تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号