تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى 2-تىپلىق دىئابېت كېسەللىكى پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولمايدىغان كېسەللىك ئەمەس. بۇ تۈردىكى تەتقىقاتتا تەتقىقات ئوبيېكتلىرى بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 60 ياشتىن يۇقىرى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. 60 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ئەسلىدىمۇ كېسەل بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماي، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئەسلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %7-%5 ئەتراپىدا يېنىكلەتكەندىمۇ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش مۇنۇ ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، يېمەكلىكنى كونترول قىلىش، ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرىكەتنى كۆپەيتىش، ئوتتۇراھال سۈرئەتتە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش. تۇرمۇش ئادىتىنى يۇقىرىقىدەك ئۆزگەرتىش ئادەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئانچە قىيىن ئەمەس ئەلۋەتتە.
2-تىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئەڭ مۇھىمى سەمرىپ كەتمەسلىك كېرەك. يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە كۆكتات، مېۋە-چىۋە، ئاشلىق تۈرىدىكىلەردىن قارا ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش: مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، بولۇپمۇ ھايۋانات مېيى يەنى كالا مېيى، سېرىقماي قاتارلىقلارنى ئاز يېيىش: ئاقسل تۈرىدىكىلەردىن كالا، قوي گۆشلىرىنى ئاز يېيىش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن بېلىق، راك تۈرىدىكى ئاقسىل تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن كۆپرەك ھەركەت قىلىش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号