شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەممىلا بىمارلاردا ئېنىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىۋەرمەيدۇ. بەزى كىشىلەردە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسىمۇ، لېكىن دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
(1) قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاپ، مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە دىئابېت كېسىلى پەيدا بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ بايقىشىچە، قاندىكى شېكەر 12.2mmol/L دىن يۇقىرى ھالەت مەلۇم بىر مەزگىل داۋاملاشقاندا «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز» لىق پەيدا بولىدىكەن، لېكىن دىئابېت كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇشتىكى ئۆلچەم بۇنىڭدىن خېلى تۆۋەن.
(2) قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاشقا بولغان رىئاكسىيىگە سەزگۈر بولماسلىق ، بولۇپمۇ ياشانغانلار قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاشقا نىسبەتەن سەزگۈر ئەمەس. گەرچە قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىماردا ھېچقانداق سېزىم بولمايدۇ.
(3) دىئابېت كېسىلى چۈشەنچىسى كەملەر. بەزىلەر دىئابېت كېسىلىگە دائىر بىلىملەرنى ئازراقمۇ بىلمەيدۇ. گەرچە «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز» لىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يەپ-ئىچىپ يۈرسىلا سالامەت بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئاخىرىدا كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بەزى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا دىئابېت بىمارلىرى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ دىئاگنوز قويغۇچە بولغان ئارىلىقتا 7-10 يىل كېتىدىكەن. يەنى دىئابېت بىمارلىرى بىلىپ-بىلمەي دىئابېت كېسىلىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال 2-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号