ھازىرغىچە دىئابېت كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۇسۇللىرى كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. دىئابېت كېسىلىدىن ساقلىنىشنى ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
(1) دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنى نۇرغۇن دىئابېت كېسىلى بولمىغان كىشىلەرنى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار قىلماسلىق.
(2) دىئابېت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش، يەنى دىئابېت كېسىلى بولغان كىشىلەرنى بالدۇر بايقاپ، ئۇلارنى ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن ساقلاش.
(3) دىئابېت كېسىلىنىڭ مېيىپ بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، يەنى دىئابېت كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكىنى ياخشى داۋالاپ، دىئابېت كېسىلى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ياخشى داۋالاپ، دىئابېت كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئېرسىيەت ئامىلى، تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى كەمتۈكلۈكتىن ئىبارەت. ئېرسىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ھازىرغىچە ئامال يوق. تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئۆمۈرنىڭ ئۇزىرىشى، داۋالاش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىر ياخشى ئىش ھەم بىزنىڭ كۆزلەيدىغان مەقسىتىمىز. شۇڭا، دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىككى تۈرلۈك ئىشنى ياخشى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە تەشۋىقات تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئامال بار دىئابېت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەربىر ئائىلە كىشىلىرىدىن باشلاش، بۇ ئارقىلىق دىئابېت كېسىلى بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، سېمىزلىكتىن ساقلىنىش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، ئىدىيىسى ساغلام بولۇش قاتارلىقلار.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号