قانداق قىلغاندا كېسەلنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا مۇھىمى يەنىلا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش. ئادەم 40 ياشتىن ئاشقاندا چوقۇم قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېرەك.
تەكشۈرۈش مەزمۇنلىرى ئادەتتە قاننى بىئوخىمىيىلىك تەكشۈرتۈش، رېنتگېندە تەكشۈرۈش، ئېلېكتروكارېىئوگراممىدا تەكشۈرۈش، b تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، لېكىن مەلۇم ئارىلىقتا ئەھۋالغا ئاساسەن تاللاپ تەكشۈرتسە بولىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى پايدىلىنىشىڭىزغا سۇندۇق.
21 ياشتىن كېيىن قەرەللىك قان بېسىمنى تەكشۈرتۈش. 30 ياشتىن كېيىن قەرەللىك ھالدا قاندىكى ماي مىقدارىنى تەكشۈرتۈش. 40 ياشتىن كېيىن قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئائىلىسىدە دىئابېت، يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولغانلار ئامال بار سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى بالدۇر باشلىشى، يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرىشى كېرەك. خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى يۇقىرىلار يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى، زىيادە سېمىزلەر قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكىنى، ياشانغاندا سەمرىپ كەتكۈچىلەر دىئابېت كېسەللىكلىرىنى ئويلىشىش كېرەك. دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بايقالغاندا، تەخمىنەن سەككىز يىللار بولغان بولىدۇ.
ئاياللار 20-30 ياش ئەتراپىدا ئۈچ يىلدا بىر قېتىم مەخسۇس دوختۇرغا ئەمچىكىنى تەكشۈرتۈشى، 40 ياشتىن ئاشقاندا تەكشۈرتۈش ئارىلىقىنى قىسقارتىشى كېرەك، بۇ ئارقىلىق سۈت بېزى راكى بار-يوقلۇقىغا بالدۇر دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.
ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم بالىياتقۇ بوينىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق بالىياتقۇ بوينى راكى بار-يوقلۇقىغا بالدۇر دىئاگنوز قويۇش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.
ئەرلەر 50 ياشتىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم مەزى بېزىنى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ، مەقئەتتىن مەزى بېزىنى تەكشۈرتۈش ۋە قاندىكى مەزى بېزى ئالاھىدە ئانتىگېنى (PSA) نى تەكشۈرتۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كۆكرەكنى رېنتگېن نۇرىدا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئۆپكە راكىنى ئېنىقلاش، قاندىكى راك تۆرەلمە ئانتىگېنى (CE) ۋە (AFP) تەكشۈرتۈش ئارقىلىق جىگەر راكى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاش، زۆرۈر بولغاندا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق جىگەر، بۆرەك ۋە مەزى بېزى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كېرەك.
سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىش، قايسى تۈرلەرنى تەكشۈرتۈش قاتارلىقلارنى تەجرىبىلىك دوختۇرلار بەلگىلەيدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىمۇ تەجرىبىلىك دوختۇرلار ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىك داۋالاش پائالىيىتىدىن ئىبارەت. شۇڭا، بىز قانداقتۇر قورقۇنچلۇق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىممۇ دەپ ھەددىدىن زىيادە چۆچۈپ كەتمەسلىكىمىز ياكى ئۇنىڭغا زىيادە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر سالامەتلىك تەكشۈرتۈش زىيادە چىقىم قىلىش دەپ قارايدۇ، بۇلۇپمۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىققانلار تېخىمۇ شۇنداق. كېسەلنى ۋاقتىدا بايقىمىسا خەجلىگەن پۇلى كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان ئازابنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە خەجلىگەن پۇل، ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا خەجلىگەن پۇلغا قارىغاندا كۆپ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号