ئۇۋۇلاپ داۋالاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئارقىلىق دىئابېتنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 23:41 08-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 17945
ھەرخىل كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. دىئابېت كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك. لېكىن ھازىر ئۇۋۇلاش ۋە يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قان شېكىرىنى كونترول قىلىش جەھەتتە يېتەرلىك ماتېرىياللار يوق. يەنە بىر قەدەم ئىزدىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بەزىلەر ئۇۋۇلاش ۋە يىڭنە سانجىش ئارقىلىق دىئابېت كېسىلىنى داۋالايمىز دېسە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كەتمەڭ. دىئابېت بىمارلىرىنىڭ تېرىسىنىڭ ئېلاستىكىلىقى سە سەزگۈسى ئانچە ياخشى ئەمەس. يۇقۇملىنىشقا بولغان قارشىلىق ئىقتىدارىمۇ ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. ئۇۋۇلاش ۋە يىڭنە سانجىپ داۋالاشنىڭ تېرىنى زەخمىلەندۈرۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. شۇڭا، دىئابېت بىمارلىرى ئۇۋۇلاش ۋە يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.