دىئابېت بىمارلىرى بالىلىق بولسا بولامدۇ؟
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 23:46 08-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 18212
ئەر-خوتون بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپتە دىئابېت كېسەللىكى بار ئەر-خوتونلارغا تەس بولغان مەسىلە بالىلىق بولۇش-بولماسلىقتۇر. كۆپلىگەن تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىئابېت بىمارلىرىنىڭ پەرزەنلىرىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بىراق بۇ دىئابېت بېمارلىرى پەرزەنتلىك بولسا بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. مۇھىم بولغىنى دىئابېت كېسىلى بولغان ئاياللار پەرزەنتلىك بولماقچى بولسا، بالا تۇغۇلۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن ياكى پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم قاندىكى شېكەرنى تىزگىنلىشى كېرەك. بولمىسا ئانا ۋە بالىغا ئىنتايىن زور خەتەر يېتىدۇ.