دىئابېت كېسىلى قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 23:57 08-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 18013
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەۋزىيەت بولسا دىئابېت بىمارلىرىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاشقازان، ئۈچەي توسۇلۇشنىڭ ئىپادىسىدۇر. تەخمىنەن %25 دىئابېت بىمارلىرىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئەگەر سىزدە دىئابېت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان نېرۋا سېستىمىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بار بولسا، ئۇنداقتا سىزدە قەۋزىيەت بولۇش پۇرسىتى كۆپىيىپ %50 كە يېتىدۇ. كۆپ قىسىم دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قەۋزىيەت بولۇشى ئۈچەي تورمۇزلىنىش ياكى چوڭ ئۈچەي مۇسكۇلىدا خىزمەت قىلىۋاتقان نېرۋا توسۇلۇش پەيدا بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.