دىئابېت كېسىلى بار ئاياللاردا جىنسىي ھورمۇنلارنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن جىنسىي يوللار قۇرغاقلىشىپ، جىنسىي قوزغىلىش پەيدا بولغاندا ئاجراتمىلار ئازلاپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاغرىش سېزىمى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ چاغدا سىلىقلاش مېيى ئىشلىتىش ۋە دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ جىنسىي ھورمۇن ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلىش لازىم.
دىئابېت كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان نېرۋا خاراكتېرلىك دوۋساق ياللۇغى بارلار جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى-كەينىدە 30 مىنۇت ئىچىدىكى دوۋساقنى بوشىتىۋېلىش لازىم، بۇنىڭ دوۋساق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.
دىئابېت كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆرەك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
دىئابېت بىلەن جىنسىي ئەزانىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاش نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. 50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە دىئابېتىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ سىز ئاڭلىغان دىئابېت ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنىڭ مۇناسىۋەتلىكلىكىنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى. دىئابېت بىمارلىرىدا ساغلام كىشىلەرگە قارىغاندا 10-15 يىل بۇرۇن جىنسىي ئاجىزلىق كۆرۈلىدۇ.
يېشى 50 تىن ئاشقان دىئابېت كېسەللىرىنىڭ %60-%50 تىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جىنسىي ئاجىزلىق كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号