دىئابېت بىمارلىرى تۇخۇم يېسە بولامدۇ ؟
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 00:01 09-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 19419

تۇخۇم ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولغان، تەركىبىدە ئاسان قوبۇل قىلىنىدىغان ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولغان يېمەكلىك. بىر دانە تۇخۇم يېگەندە ئوخشاش مىقداردىكى ئاشلىقنى يېگەنگە قارىغاندا قورساق ئاسانلىقچە ئاچمايدۇ. شۇڭا، مەيلى ئاساسلىق تاماق ياكى قوشۇمچە تاماق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۇخۇم ئىستېمال قىلىنسا، ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، لېكىن تۇخۇم ئىستېمال قىلىنسا، ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، لېكىن تۇخۇمنىڭمۇ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە خولېستېرىن كۆپ، شۇڭا يەنىلا تۇخۇمنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر دېئابېت بىمارى كۈندە بىر تۇخۇم ئېستېمال قىلسا مۇۋاپىق. بۇنداق بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقىغا ۋە خولېستېرىننىڭ مىقدارىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۆردەك تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق ۋە ماي توخۇ تۇخۇمىنىڭكىدىن كۆپ. قىزىل پوستلىق تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق ۋە ماي ئاق پوستلىق تۇخۇمنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، تۇخۇم يېگەندە ئويلىنىپ بېقىپ، قايسىنى يېسە مۇۋاپىق بولسا، شۇنى يېيىش كېرەك.