دىئابېت بىمارلىرىنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، نېرۋا خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن، باشقا كېسەللەرگە قارىغاندا ئاسانلا تۆۋەندىكى يۇقۇملىنىشلارغا گىرىپتار بولىدۇ:
1). سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغى: ئالامىتى، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك قىستاش، سىيگەندە ئاغرىش، سۈيدۈكنى تەكشۈرگەندە ئاق قان دانچىسى كۆپىيىش ۋە ئاقسىل كۆرۈلۈش:
2) ئەرلىك جىنسىي ئەزا ياللۇغى، جىنسىي ئەزا ئاغرىش، قىزىرىش، سېسىق ئاجرالمىلار چىقىش:
3) جىنسىي يول ياللۇغى: سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش، ئاق خۇن ۋە ئاجرالمىلار كۆپ بولۇش:
4) تېرە يۇقۇملىنىش: زەخمىلەنگەن ئورۇن ئاسان ساقايماسلىق، تۈك خالتىسى يۇقۇملىنىش:
5) ئوپىراتسىيە كېسىك ئېغىزى ئاسان تۇتماسلىق، يىرىڭداپ ئىششىش:
6) تېرىگە ئاسانلا جاراھەت چىقىش: قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش، ئاجرالمىلار كۆپىيىش:
7) ئۆت خالتا ياللۇغى: قورساق ئاغرىش، ئۆت خالتىسى تېشىلىش:
8) زۇكامداش: ھاۋا ئۆزگەرگەندە زۇكامداش:
9) ئۆپكە ياللۇغلىنىش: قىزىش، يۆتىلىش، بەلغەم كۆپىيىش، كۆكرەك ئاغرىش، بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش:
10) تىبىركۇليۇز: ئاسانلا ئۆپكە تىبىركۇليۇز گىرىپتار بولۇش، ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەش، تۆۋەن قىزىتما بولۇش، يۆتىلىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号