دىئابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن كالا سۈتى ئىچىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 00:08 09-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 19844

كالا سۈتى دىئابېت بىمالىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇۋاپىق بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. كالا سۈتى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۇ، مول ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار، شۇنداقلا مۇۋاپىق مىقداردىكى ياغ بار بولۇپ، دىئابېت بىمارلىرىنى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاندىكى شېكەر ۋە ياغقا نىسبەتەن تەسىرى يوق دېيەرلىك.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئرزىيدىغاننى شۇكى، جۇڭگو خەلقىدە ئومۇميۈزلۈك كالتسىي كەملىك مەۋجۇت. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلدە كالتسىي كەملىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن كالتسىي كەملىك تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. دىئابېت كېسىلى بار ياشانغان بىمارلاردا سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش، ھەتتا ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كالتسىي تولۇقلاش دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. كالا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەركۈنى نورمال مىقداردا سۈت ئىچىپ بېرىش، كالتسىي تولۇقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر نۇرغۇن ئالىملار دورا يەپ كالسىي تولۇقلاشنىڭ كالا سۈتى ئىچىپ كالتسىي تولۇقلاشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئادەتتە ھەر كۈنى 500 گىرام كالا سۈتى ئىچكەندە ئادەم ئورگانىزمىنىڭ كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. شۇڭلاشقا، دىئابېت بىمارلىرىغا ئەتىگەنلىك ناشتىدا ياكى تاماق يېگەندە سۈت ئىچىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. شېكەر، ناۋات قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ. ئەمما تېتىتقۇلارنى مۇۋاپىق قوشۇشقا بولىدۇ.