ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىدە مەزى بېزى تۇبىركۇليوزى بىلەن ئاغرىيدىغانلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما كلىنىكىدا ئانچە مەلۇم بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب، مەزى بېزى تۇبېركۇليوزى سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدىكى تۇبېركۇليۇز ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك ئوچىقى دوۋساقتىكى ئۈچ بۇرجەكنىڭ يان دىۋارى ھەم سۈيدۈك يولىغا يېقىن بولغاچقا، سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدىكى تۇبېركۇليۈزىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇنۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئادەتتە مەزى بېزى كانىلى ۋە ئۇرۇق نەيچىسىدىن باشلىنىدىغان بولغاچقا، تەتۈر مېڭىپ مەزى بېزىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. بۇ ئورۇنلار نىسبەتەن يوشۇرۇن، يەنە كېلىپ مەزى بېزى ياللۇغى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولغىنى ئۈچۈن، مەزى بېزى تۇبېركۇليوزىغا دىئاگنوز قويۇشتىكى قىيىنچىلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، تولۇق دىئاگنوز قويۇلماسلىق ۋە خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.
مەزى بېزى تۇبېركۇليوزىنىڭ كۆپىنچە روشەن ئىپادىسى بولمايدۇ. ئەمما، قوشۇمچە ئۇرۇقدان تۇبېركۇليوزىنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلۈپ، مەزى بېزىنى تۈز ئۈچەيدىن بارماقنى تىقىپ تەكشۈرگەندىلا مەزى بېزى ۋە ئۇرۇق خالتىلىرىنىڭ قاتتىقلىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. مەزى بېزى-ئۇرۇق خالتىسى تۇبېركۇليوزى پەيدا بولغاندا مەنىي قان ئارىلاش كېلىدۇ ھەم ئازىيىپ كېتىدۇ. ناۋادا كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ھەرئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇق نەيچىسى توسۇلۇپ قالغان بولسا، بۇ كىشى پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولىدۇ. مەزى بېزى تۇبېركۇليوزى ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەزى بېزىدە تۆشۈك پەيدا بولىدۇ ھەمدە چات قىسمى تېشىلىپ يىرىڭداش نەتىجىسىدە يىرىڭ ئاقىدىغان ئېرىقچە شەكىللىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号