بۇ جىنسىي ئەزا ئىچكى قىسمىدا سىفلىس جاراھەت زەخمىسى شەكىللىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، سىفلىس يارىسىدا ئالاھىدە زەھەرلىك تاشلاندۇق ماددىلار بولىدۇ.
سەۋەبى: سىبلىس كېسىلى بار كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر قاچىدا تاماق يېيىش ياكى توپلىشىپ ياشاش، سىبلىسلىق ئانىدىن تۇغۇش يولى بىلەن بالىغا ئۆتۈش، سىبلىسلىق ھامىلىدار ئاياللارنى تۇغدۇرۇش جەريانىدا تۇغۇت ئانىسىغا يۇقۇش، بۇنىڭدىن باشقا ئوپېراتسىيە پىچىقى، نەشتەر ۋە باشقا سايمانلارنى سىبلىسلىق كىشىلەرگە ئىشلىتىش يولى بىلەن سىبلىش باشقىلارغا يۇقىدۇ.
ئالامىتى: ھەقىقىي سىبلىستا سىبلىس ماددىسى ئورگانىزىمغا كىرگەن قىسقا ۋاقىتقىچە بىرەر روشەن ئالامىتى ئىپادىلەنمەيدۇ. ئىككى ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە داۋاملىشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىنچى دەرىجىلىك سىبلىس ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك سىبلىس بىر ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى دەرىجىلىك سىبلىس باشلىنىدۇ، بۇ 10 ھەپتىدىن ئىككى يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىسى باشلىنىپ ئاخىرى كېسەل داۋالاشنى قوبۇل قىلماي ئۆلۈپ كېتىدۇ.
سىبلىس زەخمىسىنىڭ پەيدا بولىدىغان ئورۇنلىرى: سىبلىس زەخىملىرى بەدەننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا پەيدا بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيدا بولىدىغان ئورنى كۆپىنچە نەسىل ئەزالىرىدا، ئۇنىڭدىن باشقا مەقئەت لەۋلىرى، تىل-تامغاق، كاناي، بۇرۇن، بارماق، تىرناق بوغۇمى، قول، كۆكرەكتىمۇ پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ زەخمە ئاز ۋە چوڭقۇر بولسا ئۇنىڭغا يېقىن ئورۇنلاردىكى بەزلەر ئىششىيدۇ. ئەگەر سىبلىس جىنسىي ئەزا لەۋلىرىدە بولسا چات بېزى ئىششىيدۇ. بەزىلىرى پىشىپ ئېغىز ياكى لەۋدە پەيدا بولسا، ئېڭەك ئاستى بېزى ۋە قۇلاق ئاستى بېزى ۋە ئارقىسىدىكى بەزلەر ئىششىيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا سىبلىس كۆكرەك ۋە قىزىل ئۆڭگەچ ساھەسىدە پەيدا بولسا ئىچكى ئەزا بەزلىرى ئىششىيدۇ.
بىرىنچى دەرىجىلىك سىبلىس ئالامەتلىرى: بىرىنچى دەرىجىدىكى سىبلىستە زەخىملەر ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا پەقەت بىر مودۇر پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىدا دائىرە شەكىللىنىدۇ ۋە ئەتراپى قاتتىق بولىدۇ. بەزىلىرى بىر كىچىككىنە يۇمىلاق زەخمە پەيدا بولىدۇ، ئوتتۇرىسى كۈلرەڭ، ئەتراپى كۆتۈرۈلگەن ھەم قىزىل ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. زەخىمنىڭ بەزىلىرىدە ئازراق ھۆللۈك ئېقىپ تۇرىدۇ، بەزىلىرى تامامەن قۇرۇق بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا بىرەر زەربە يەتسە يەرلىك ئورۇنغا قان توپلاشقان سەۋەبتىن يەرلىك ئورۇن يىرىڭدايدۇ. زەخمە چوڭقۇر بولمىسا پەقەت زەخمە بار ئورۇندىلا تېرە سويۇلۇپ كېتىدۇ ۋە يۇتا بېزى ئىششىپ قالىدۇ. لېكىن قاتتىق ئاغرىش بولمايدۇ.
ئەگەر مېڭىش-تۇرۇش سەۋەبىدىن ياللۇغلىنىپ قاتتىق ئاغرىسا، بۇنداق زەخمە ئومۇمەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئىككىنچى قېتىم ئازراق ھەرىكەتتىمۇ يەنە يېرىلىپ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قاتتىقلىق ئۈچ ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق زەھەرلىك مۇرەككىباتلار بىلەن داۋالىسا، بىر يېرىم ئايدىن ئىككى ئايغىچە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا بۇنىڭ مۇددىتى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە سوزۇلۇپ كېتىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىلىك سىبلىسنىڭ ئالامىتى: بىرىنچى دەرىجە ئاخىرلىشىپ بىر يېرىم ئايدىن ئىككى ئايغىچە كېسەلدە بىرەر ئالامەت ئىپادىلەنمەيدۇ، بۇ جەرياندا كېسەللىك ماددىسى بەدەن ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئالامەتلەر ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ. كېسەل كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلايدۇ. ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قالىدۇ، بەدەن تېرىسى تەرتىپسىزلىنىدۇ. تېرىنىڭ كۆپىنچە قىسىملىرىدا، جۈملىدىن ئالىقان ۋە كۆكرەكتە مىس دېتى رەڭلىك داغلار ئاشكارلىنىشقا باشلايدۇ. بەزى ئورۇنلاردا بەدەن تېرىسى قېلىن كۆپكەن ۋە قاتتىق بولۇپ قالىدۇ. بەزىلىرىدە تېرە ئۈستىدە كىچىك-كىچىك مۇدۇرچاقلار پەيدا بولىدۇ، بۇ كۆپىنچە تېرە تاشلاپ تۇرىدۇ، بەزىلىرىدە يىرىڭلىق مۇدۇر پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن سۇيۇق ھۆللۈك ئېقىپ تۇرىدۇ. بەزىلىرىدە يىرىڭلىق مۇدۇر پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن سۇيۇق ھۆللۈك ئېقىپ تۇىدۇ. بەزىلىرى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا كىچىك مۇدۇرلار پەيدا بولىدۇ ۋە بادام بېزى ياللۇغلىنىپ زەخمە شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاغرىش كەم بولىدۇ. ئەمما بۇ بەك تېز تارقايدۇ، بەدەننىڭ باشقا بەزلىرىمۇ كۆپۈپ قالىدۇ.
ئېغىز، تىل، تامغاق، كاناي ۋە باشقا شىللىق پەردىلەرمۇ ياللۇغلىنىدۇ. ھەتتاكى ئۇلاردا زەخمىمۇ شەكىللىنىدۇ. بەزىلىرى بىمارنىڭ لېۋى، ئېغىز، گال، كاناي، مەقئەت ئەراپى، ئاياللار جىنسىي ئەزاسى ئۈستىدە كىچىك- كىچىك سۆگەلسىمان قاتتىق مۇدۇرلار پەيدا بولىدۇ ۋە تەدرىجىي باشنىڭ تۈكى ئىنچىكىلەپ قۇرغاقلىشىپ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. تىرناق قاتتىقلىشىپ قالىدۇ ۋە ياللۇغلىنىدۇ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى سۇسلاشقان، يىرىكلەشكەن بولۇپ قالىدۇ، كۆز ئۈزۈمسىمان قەۋىتى، تور پەردە ۋە باشقا قەۋەتلەر ياللۇغلىنىدۇ، پۈتۈن بەدەن سۆڭەك سىرتقى پەردىسى ياللۇغلىنىدۇ. كۆپىنچە كەچلىكى يۇقىرىقى ئورۇنلاردا قاتتىق ئاغرىشلار بولىدۇ، بېسىش ۋە مۇجۇشلار بىلەنمۇ ئاغرىش پەسەيمەيدۇ. بۇ خىلدىمۇ قائىدىلىك داۋالانمىغاندا يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئالتە-يەتتە ھەپتىدە يەڭگىللىشىپ كېسەل ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئىككى يىلغىچە ئوخشىمىغان ئاغرىقلارغا مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك سىبلىسنىڭ ئالامىتى: سىبلىس دەۋرى ئاخىرلىشىپ بىر نەچچە ئاي، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۈچىنچى دەرىجىلىك سىبلىسنىڭ دەۋرى باشلىنىدۇ. بۇ ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتتا بىرەر روشەن ئاغرىش سېزىمى بولمايدۇ. تىل ۋە قول تېرىسىدە كۆيگەندەك ئېچىشىش ۋە بەزىلىرىدە يەڭگىل قىچىشىش بولىدۇ. لېكىن كېسەللىك ماددىسى ئىچكى ئەزالارغا تەرەققىي قىلسا ۋە پۈتۈن ئىچكى-تاشقى ئەزالارغا تەسىر قىلغان بولسا تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. تېرە ئاستى قىل قان تومۇرلىرى تېرە ئاستىدا يېرىلىپ بۇنىڭ بىلەن تېرە بەدەنگە كىچىك-كىچىك مۇدۇرلار چىقىدۇ، بۇ مۇدۇرلار تەرەققىي قىلىپ ھەتتاكى ئوكچە باراۋىرىدە چوڭىيىدۇ ياكى ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ ياكى ئېغىز ئېلىپ يېرىلىپ، يەرلىك ئورۇندا چوڭقۇر زەخمە شەكىللەندۈرىدۇ. بەزىدە بۇ ماددا تېرە ئاستىدا توپلىشىپ دەسلەپتىلا زەخمە پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇ زەخمە كۆپىنچە يۇتا ۋە پاقالچاقتا پەيدا بولىدۇ. بەزىلىرىدە مۇسكۇللار قاتتىقلىشىپ كاردىن چىقىدۇ. بەزىسىدە بوغۇم ئاغرىقىنى شەكىللەندۇرىدۇ ۋە بەزىدە بۇغۇملارنىڭ ئىچكى پەردىلىرىدە زەخمە شەكىللىنىپ بۇغۇملار تارتىشىپ قالىدۇ، بەزىدە بۇ پەردىلەردە ياللۇغ شەكىللىنىپ بۇغۇملار ۋە سۆڭەكلەر ئىنچىكە ۋە ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. بەزىلىرى قاتتىق، توم بولۇپ قالىدۇ، تامغاق تېشىپ كېتىدۇ. بەزىلىرىدە ئېغىز، تىل، كاناي، گال، شاخچا كانايلارنىڭ ئىچكى پەردىسى ياللۇغلىنىپ قالىدۇ، بۇرۇن سۆڭىكى ئېرىپ، ئولتۇرۇشۇپ كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ، كاناينىڭ كۆمۈرچەكلىرى بۇزۇلۇپ ئاۋاز پۈتۈپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى مېڭە يۇلۇنىغا يېقىنلاشقانسېرى پالەچ، ئىستىرخا، رەئىشە، تەشەننۇج ۋە باشقىلار پەيدا بولىدۇ. كۆز شىللىق پەردىسىگە كېسەللىك ئۆزگىرىشى تەسىر قىلسا، كۆز سۇيۇقلۇقى بۇزۇلۇپ، كۆرۈش ئاجىزلاش ۋە كۆزگە سۇ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەرگە ۋە بۆرەككە تەسىر قىلسا قىزىتما كېلىپ چىقىدۇ، ئۈچەيگە تەسىر قىلسا ئىچ سۈرۈشكە باشلايدۇ، ئۆپكىگە تەسىر قىلسا سىل كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇتا، بېقىن، بويۇن بەزلىرى كۆپۈشۈپ قالىدۇ ۋە ھەرخىل كېسەللەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەگەر سىبلىسنىڭ زەھەرلىك ماددىسى تېرىنىڭ نازۇك پەرسىدىگە تەسىر قىلسا شۇ ئورۇننىڭ تېرىسى دەسلەپتە سۇيۇلۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ. بىر سوتكىدىن كېيىن ئىچى قىزىرىدۇ. ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنى ئازراق ياللۇغلىنىپ، مۇدۇر شەكىللىنىدۇ، ئۈچىنچى، تۆتىنچى كۈنى يىرىڭدايدۇ، ئۇچى قارا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا قىزىل دائىرلىك ھالقا شەكىللىنىدۇ. بۇ مۇدۇر بەشىنچى، ئالتىنچى كۈنى يېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئازراق يىرىڭ چىقىپ، چوڭقۇر زەخمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۆتكۈر ئاغرىش بولۇپ يىرىڭلىق ماددىلار كۆپلەپ چىقىشقا باشلايدۇ، زەخىمىنىڭ ئەتراپى ئىششىيدۇ. زەخىمنىڭ شەكلى قائىدىسىز، كۆكرەك ئەتراپى سۈزۈك، مەركىزى نىسبەتەن قاتتىق بولىدۇ. بۇ زەخمە ئۈچ ھەپتىدىن ئىككى ئايىغىچە داۋاملىشىدۇ. سىبلىس كۆپىنچە جىنسىي ئەزا لەۋلىرى ياكى جىنسىي ئەزا ئىچكى پەردىسىدە پەيدا بولۇپ بەزىلىرى بالىياتقۇ ئېغىزىغا يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر بۇ كېسەلگە مۇناسىپ ئىلاج قىلىنمىسا ۋە ئېھتىياتسىزلىق قىلسا، زەخمە چوڭىيىپ گاگىرىنا شەكىللىنىپ، بۇنىڭدىن قارا رەڭلىك گۆش پارچىلىرى ئاجراپ چىقىشقا باشلايدۇ، بەزىلىرىدە بۇ كېسەلنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن جىنسىي ئەزانىڭ تامامى ئىچكى پەردىلىرى ئېرىپ كېتىدۇ. كېسەل ئۆتكۈر ئاغرىقتىن ئاجىزلاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: ھەقىقىي سىبلىسنى داۋالاشتا، دەسلەپتە قان تازىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىپ بەدەننى تازىلاش، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىدە سەۋدانىڭ مۇنزىجىنى قان تازىلىغۇچى دورىلارغا قوشۇپ ئۇزۇنغىچە ئىشلىتىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يېمەكلىككە ئارپا ئېشى ئېتىپ بېرىلىدۇ، بۇسلۇق تاماق، كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ ۋە باشقا يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئامال بار ساقلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号