جىنسىي ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىشى: بۇ زەكەرنىڭ تۇرماسلىقى ياكى تولۇق ھەرىكەتكە كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئىنساننىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، نورمال جىنسىي تۇرمۇش ياكى نەسىل قالدۇرۇشقا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل كېسەللىكتىن ئىبارەت.
ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورمال بولماسلىقى ئاساسلىقى مېڭە، جىگەر، تاناسىل ئەزا قاتارلىق ئەزارلارنىڭ خىزمىتىنىڭ نورمال بولۇش-بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ كېسەللىك سەۋەبلىرى بىلەن ئاساسىي تەسىر قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئورگان خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىق ۋە روھىي ئامىللار خاراكتېرلىك جىنسىي ئاجىزلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
سەۋەبى: تاناسىل ئەزانىڭ تۇغما كەمتۈكلۈكى ئۇرۇقدان يوق تۇغۇلۇش ياكى ئۇرۇقداننىڭ ئىككى چات كانال ئىچىگە ئورۇنلىشىپ قېلىشى ياكى ئۇرۇقدان ئىششىقى تۈپەيلىدىن ئۇرۇقدان يىگىلەپ قېلىش ۋە جىنسىي بەزلەر خىزمىتى نورمال بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولىدۇ.
بەل ئومۇرتقا ۋە سېزىم نېرۋىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى، مەسىلەن، پالەچلىك، يۇلۇن زەخىملىنىش ياكى يۇلۇن بېسىلىش قاتارلىقلار.
روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى: بۇنداق كىشىلەردە باشقا ئورگان خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر نورمال بولسىمۇ، جىنسىي تۇرمۇش جەھەتتىكى ساۋاتنىڭ يېتەرلىك بولماي قېلىشى، ئەپسانىي كىتابلارنى، سىنئالغۇ فىلىملىرىنى كۆپ كۆرۈش تۈپەيلىدىن مېڭە غىدىقلىنىش يۈز بېرىپ ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىش، ئويلىنىش سەۋەبىدىن جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەيدۇ. بۇلار بىمارنى روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا جىنسىي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ. باشقا جەھەتتىن نامۇۋاپىق تۇرمۇش ئادەتلىرى، ياش قۇرامى، سۇ، ھاۋا، ئوزۇقلىنىشنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش، نەشە، ئەپيۇن چېكىش، شاراب ئىچىش قاتارلىق سەۋەبلەر يەنە تەدرىجىي جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەلەق (ئانانىزىم) بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئوخشاشلا جىنسىي ئاجىزلىققا گىرىپتار بولىدۇ.
ئالامىتى: كېسەللىك تەدرىجىي باشلىنىدۇ. جىنسىي ئىنتىلىش تۆۋەنلەيدۇ. زەكەر(ئالەت) نىڭ قوزغىلىشى سۇسلىشىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. بۇ يەنە تەدرىجىي روھىي بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: بۆرەكنى قۇۋەتلىگۈچى، سەمرىتكۈچى، سۈت، مەنىي كۆپەيتكۈچى، ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، قاننى قىزىتقۇچى ساپ تەبىئىي دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号