تونۇش: مەنىي تېز كېتىش جىنسىي ئالاقىدە ئەر ۋە ئاياللاردا يېتەرلىك لەززەتلىنىش ھاسىل بولماي تۇرۇپ، ئەر كىشىدىن مەنىي يۈرۈپ كېتىش كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
بۇنداق ئەھۋال بەزى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا، ھەتتا شەھۋانىي خىياللارنى قىلغاندا، شەھۋانىي رەسىملەرنى كۆرگەندە يۈز بېرىشى مۇمكىن.
سەۋەبى: مەنىي تېز كېتىش نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئومۇمىي بەدەننىڭ تۇتۇش (ماسىكە) قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش، جۈملىدىن مەنىي خالتىسىنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش، مەنىينىڭ ئۆزىدە ئىتتىكلىك ۋە ھارارەت زىيادە بولۇش، شەھۋانىي ھېسسىيات ئېشىپ كېتىش، رەئىس ئەزالار، خۇسۇسەن مېڭە ۋە ئەسەبلەر زەئىپلىشىشىدىن كۆرۈلىدۇ. تۇتۇش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، مەخسۇس مەنىي خالتىسىنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بوشاپ كېتىشى، جىنسىي ئالاقە، جەلەق ( قول بىلەن لەززەتلىنىش) بىلەن كۆپ شوغۇللىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ، يەنە سۈيدۈك يوللىرىنىڭ ھەرخىل سەۋەبلىرىدىن غىدىقلىنىشى، سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرىغا تاش چۈشۈپ غىدىقلاش، ئۈچەي قۇرتلىرىنىڭ غىدىقلىشىغا ئوخشاش ئامىللارغىمۇ باغلىنىشلىق ھالدا يۈز بېرىشى مۇمكىن.
ئالامىتى: جىنسىي ئالاقە باشلىنىش بىلەن مەنىي يۈرۈپ كېتىدۇ. داۋاملىق بۇ ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشى ئەر ۋە ئايالنىڭ روھىغا، مىزاجىغا، ئۆزئارا مۇھەببەت مۇناسىۋىتىگە بارا-بارا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەر كىشى ئۈچۈن ئېغىر خىجالەتچىلىك ۋە روھىي ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: روھىي جەھەتتىن داۋالاش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلىگۈچى، تۇتقۇچى، قۇرۇتقۇچى، مەنىي كۆپەيتكۈچى، سەمرىتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号