نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار، ئىچ كىيىملەر ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بىر قىسىم ئاياللار ئاقىۋىتىنى ئويلىماي كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقتا ۋە شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلماقتا. ئىگىلىنىشچە، قارىغۇلارچە كۆكسىنى چوڭايتىش ئاياللارنى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار قىلىدىكەن.
تېببىي خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، سۈت بېزى راكى ئاساسلىقى، بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئېمىتمەسلىكى، ئاستا خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغى، ئاياللارنىڭ كۆكسىنى چوڭايتىش ئۈچۈن ماسىساژ قىلىشى، كۆكسىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشى، ھورمۇن تەركىبلىك دورىلارنى ئىشلىتىشى، شۇنىڭدەك بەدەندىكى باشقا ئورگانلاردىكى راكنىڭ يۆتكىلىپ كېلىشى قاتارلىقلارمۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كۆكسىنى چوڭايتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەركىبىدە ھورمۇن كۆپ بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدىكەن . سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلىپىدە ئالاھىدە ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ ، ئاياللار يىلدا بىر قېتىم كۆكسىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، يۇيۇنغاندا كۆكرەكتە تېرىقچىلىق چوڭلۇقتىكى غەيرىي ، قاتتىق مۇنەك پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىسا، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىمكەن. ئاياللار ھەر ۋاقىت كۆكسىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىپ تۇرۇشى، تۇغۇتتىن كۆكرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارمۇ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىمكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号