بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، دائىم سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈپ تۇرمايدىغان ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنى بايقاش پۇرسىتى بولمايدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئاياللار ئۆزىدىكى كېسەل ئالامىتىگە دىققەت قىلىشى زۆرۈر. ھەيز كۆپ كېلىش، ۋاقتى ئۇزىراش قاتارلىق ئالامەتلەردىن باشقا، روشەن سەۋەبى بولمىغان پات-پات سىيىش، كېچىسى كۆپ سىيىش ياكى قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىمۇ بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى پەيدا بولغان-بولمىغاننى تەكشۈرتۈش كېرەك. چۈنكى، ئوخشاش بولمىغان جايدا پەيدا بولغان بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر ئۆسمە ئىچكى پەردىدە بولسا، ھەيز مەزگىلى ئۇزىراش، ھەيز كۆپ كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، ئاغرىقتا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر بالياتقۇ مۇسكۇل دىۋارىنىڭ ئارىلىقى ياكى شىرىلىك پەردىنىڭ ئاستىدا بولغان ھەم سرتقا تومپىيىپ چىققان بولسا، ئالدىدىن دوۋساقنى بېسىپ، ئاغرىقتا كېچىسى كۆپ سىيىش، پات – پات سىيگىسى كېلىش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئارقىسىدىن تۈز ئۈچەينى بېسىپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ تاشقى تەرەپكە تومپىيىپ چىقىشى روشەن بولۇپ، چوڭايغاندىن كېيىن، قورساق قىسمىنى سىيلىغاندا مونەكنى تۇتقىلى بولىدۇ. يۇقىرقى ئالامەتلەر پەيدا بولغان ئاياللار چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ، بالياتقۇسىنى تەكشۈرتىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ئاستا-ئاستا كىچىكلەيدۇ، بۇ چاغدا بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كىچىكلىمەستىن، ئەكسىچە يوغىنىسا، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئىمكانقەدەر تېز داۋالىنىش كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号