* كاللەكلىشىپ قالغان ئەڭلىكنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئادەتتە ئەڭلىكنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇپ، ئىككى، ئۈچ يىلغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بىراق ئەڭلىك قېتىپ كاللەكلىشىپ قالسا ياكى رەڭگى ئۆزگىرىپ قالسا، بۇ ئۇنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
* ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى ۋاقتىدا ئىشلىتىپ بولۇش لازىم. قىشتىن ئېشىپ قالغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى كېلەركى يازدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئاغزى ئېچىلغان بولسا ئاپتاپتىن ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
* ۋاقتى ئۆتكەن كىرپىك لاكىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئادتتە كىرپىك لاكىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ. كۆزگە زىيان يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كىرپىك لاكىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى توشقان ھامان بىر تەرەپ قىلىۋېتىش لازىم.
* قېتىپ قالغان تېرە ئاسراش مەلھىمى سەل قېتىۋالغان بولسا ياكى يۈزگە سۈركەش قىيىن بولسا، ئۇنى تاشلىۋېتىش كېرەك. ئەگەر تېرە ئاسراش مەلھىمىنى يۈزگە سۈركىگەندە زىيادە سېزىملىك كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئاسراش رولى بولمايدۇ.
* لەۋ سۇرۇغنى دائىم ئالماشتۇرۇش لازىم. لەۋ سۇرۇخنى دائىم لەۋگە سۈركەيدىغان بولغاچقا ۋاقتىدا يېڭىلاپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ئەگەر لەۋ سۇرۇخنىڭ سۈيى چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئىشلەتمەسلىك لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号