• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · ئايال كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ باھالاش
  • · يۈرەكنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى
  • · ئاياللارنىڭ كۆپ قەۋزىيەت بولۇشى قېرىشنىڭ بەلگىسى
  • · ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالتە ئامىل
  • · ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر
  • · ئاياللارنىڭ يۇيۇنۇشىدىكى ئالتە پەرھىز
  • · ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بېشارەتلىرى
  • · ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى
  • · بالىلارنىڭ چىشىنى نىمە ئۈچۈن قۇرت يەيدۇ
  • · كېسەل كۆرسىتىشتە ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ناتوغرا ئادەت
  • · بۇنداق ئۇخلاش ئادەتلىرى ئاياللارنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ
  • · ئاياللارنىڭ تېز قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 12 خىل ئۇسۇل
  • · ھامىلدار ئاياللار ساماۋەر شورپىسى ئىچسە بولامدۇ ؟
  • · ھامىلدار بولغان بولمىغانلىقىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بىلىش ئۇسۇلى
  • · ئاياللارنىڭ كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش
  • · تامىقى ئاز ئاياللار ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ
  • · تۇغماسلىق كېسىلى
  • · ئاياللارنىڭ ئاساسلىق كۈنى كىيىم تاللاش بىلەن ئۆتىدۇ
  • · ھامىلدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
  • · ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش
  • · بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش كېسىلىنىڭ سەۋەبى
  • · كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە كۆپ تەر چىقسا سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
  • · تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
  • · تۇربا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى
  • · قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابېت قىلىپ قويىدۇ
  • · ئاياللار گىرىم بويۇملىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇش لازىم
  • · كېچىسى كۆپ سىيىدىغانلار بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
  • · كۆكسىنى چوڭايتىش ئاياللارنى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار قىلىدۇ
  • · ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ 6 خىل سەۋەبى
  • · ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • · سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش خەۋىپى يۇقىرى بولغان ئاياللار
  • · بالىياتقۇغا زىيان يەتكۈزىدىغان 5 چوڭ جىنايەتچىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
  • · ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قالايمىقان دورا ئىستىمال قىلسا بولامدۇ ؟
  • · سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى
  • · ھامىلدار ئاياللار كومپىيوتېر ئىشلەتسە بولامدۇ ؟
  • · ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسانلا مەقئەت، ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
  • · بالىياتقۇدىن ئاسانلا ۋاز كەچمەڭ
  • · بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا سەل قارىماڭ
  • · ساھىبجامال قاتىل ئاياللارنى ئىزدەپ تاپتى
  • · ھامىلدار بولالماسلىق
  • · ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرمەڭ
  • · ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن باشلاش كېرەك
  • · قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ
  • · ئەمچەك كېسەللىكى ھەققىدە
  • · نىمىشقا ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ پۇتى ئاسان ئىششىيدۇ ؟
  • · گىرىم بويۇملىرىنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى
  • · ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار كالتسىي تولۇقلاپ بەرسە ئاسان سەمىرىپ كەتمەيدۇ
  • · زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
  • · ئاياللار يۈرەك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ
  • · ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا
  • تۇربا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 23:22 10-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 19648
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە داۋالاش پرىنسىپى توغرىسىدا

    قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە كېسەللىنىش قانۇنىيىتى، شۇنداقلا تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە داۋالاش پرىنسىپى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىلىدۇ.

     ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقى، مىخانىزىم، پرىنسىپ

    تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقى، خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى، تۇخۇم توشۇش نەتچىسى خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، غىدىقلىغۇچى يېمەك- ئىچمەك ۋە دورا- دەرمەكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش، مۇھىت ئامىلى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىچكى- تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كلىنىكىدا بەل، توققۇز كۆز ساھەسى، ئىككى يوتا تېلىپ ئاغرىش، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئېچىشىپ ئاغرىش، بىر قىسىملاردا ساغۇچ پۇراقلىق ئاق خۇن كېلىش، ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا قولغا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان مۇنەكچىلەر ئورۇنۇش قاتارلىق ئالامەت ۋە بەدەن بەلگىلىرى ئىپادىلىنىدىغان، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق خانىم- قىزلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك. بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ۋاقتىدا ئۈزۈل- كېسىل داۋالىمىغاندا، كلىنىكىدا يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشتىن باشقا، توغماسلىق، ئادەت قالايمىقانلىشىش، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. گەرچە تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىغا دىئاگنوز قويۇش قېيىن بولمىسىمۇ، لېكىن كلىنىكا ئەمەلىيىتى جەريانىدا مۇۋاپىق داۋالاش پرىنسىپى قوللىنىلماسلىق سەۋەبىدىن كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.

    تۆۋەندە كلىنىكىلىق كۆزىتىش جەريانىدىكى ھاسىلاتلىرىمىزغا ئاساسەن، تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر قىسىم سەۋەبلەر ھەمدە بۇ خىل سەۋەبلەرنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش مىخانىزىمى، شۇنداقلا كېسەللىكنى داۋالاش پرىنسىپى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئۆتىمىز.

    1. خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى.

    2. غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ.

    تەسىرى: بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى توغرىسىدا كۆپىنچە مۇزا تەملىق بەلغەم ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلىتى ئاساسلىق ئومۇمىي كەيپىيات جەھەتتىن قۇرۇق سوغۇققا مايىل بولۇپ، قىيامى نىسبەتەن قۇرۇق، چۆكمىگە چۈشۈش خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. بىر خىل ئىچكى- تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن بەدەندە بۇ خىل نورمالسىز خىلىت كۆپلەپ شەكىللەنگەندە، نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ قىيامىنى قويۇلدۇرۇپ، خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش پائاليىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قان تۇمۇر دىۋارىنىڭ تەبىئىي ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ، قان تۇمۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ خىل نورمالسىز ھالەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىشى ماددا ئالمىشىش ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. قان تۇمۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، ھەر قايسى ئەزا- توقۇلمىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، يەرلىك ئورۇندا كېرەكسىز ماددىلار يېغىلىپ قالغان شارائىتتا، ئورگانىزىمنىڭ ئىممونىتېت كۈچى ئاسانلا ئاجىزلاپ كېسەللىنىشكە مايىل بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى توقۇلما- ھۈجەيرىلەرنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يەرلىك ئورۇندا كېرەكسىز ماددىلار يېغىلىپ قالسا، بۇ خىل ماددىلار يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما- ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلاپ، ھۈجەيرىلەرنى ئۆلۈش، غەيرى تەبىئىي ئۆسۈپ كۆپىيىشى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىش نەتىجىسىگە، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى خالتىلىق ئىششىقى كېلىپ چىقىدۇ.

    1.2 غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرى: بۇنىڭدا تەبىئىي سەۋدا خىلتىنىڭ يۇقىرى ھارارەت تەسىرىدە كۆپىيىشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى سەۋدا خىلىتى ئەسلىدىمۇ قىيام جەھەتتىن قويۇقراق بولغان خىلىت بولۇپ، كۈچلۈك ھارارەت تەسىرىدە كۆيگەندە، ئەسلىدىكى قۇرۇق سوغۇقلۇق كەيپىياتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، قىيامى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ، ئۇنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، بىر قىسىملىرى قان تومۇرلاردا توسۇلۇش پەيدا قىلىپ، ئوخشاشلا يەرلىك ئورۇننىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، يەرلىك ئورۇندا كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى يەرلىك ئورۇنغا بېرىپ چۆكمىگە چۈشۈپ، يەرلىك ئورۇندىكى ماددىلارنى تېخىمۇ قويۇلدۇرۇپ قۇيىدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل ماددىلار چىرىپ ئوفۇنەت پەيدا قىلىپ، غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما- ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، زەخىملەندۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەرنىڭ بىر قىسىمى ئۆلسە، يەنە بىر قىسىمى ئۆزىنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپىيىش قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھالدا قالايمىقان بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ، ئاقىۋەتتە تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنى پەيدا قىلىدۇ.

    2. قۇۋۋەتلەر نورمالسىزلىقى.

    ئورگانىزمدا خىلىتلار پەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، قۇۋۋەتلەرنىڭ بولۇپمۇ قۇۋۋىتى تەبىئىنىڭ نورمال خىزمىتىدە چېكىنى يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەزىم بولۇپ، بەدەننىڭ تەركىبى قىسىمىغا ئايلىنىشى ھەمدە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئوزۇقلاندۇرغۇچى قۇۋۋەتنىڭ نورمال پائالىيىتىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تۆت خىل قۇۋۋەتنىڭ (تارقاتقۇچى قۇۋۋەت، تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋۋەت، ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى، ھەيدىگۈچى قۇۋۋەت) خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۆز ۋاقتىدا پارچىلىنىپ بەدەننىڭ تەركىبى قىسىمىغا تولۇق ئايلىنالمايدۇ. نەتىجىدە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ قان ھەم ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلار ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىۋېتىلمەي، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توقۇلما ئارىلىقلىرىدا ساقلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ھالەتنىڭ ئۇزان مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى نەتىجىسىدە، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلما- ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلىشى سەۋەبىدىن، ھۈجەيرىلەردە نېكروزلىنىش، ئۆلۈش، غەيرى ھالەتتە ئۆسۈپ كۆپىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ.

    3. ئىچكى ئاجراتما بەز خىزمىتى قالايمىقانلىشىش.

    بەدەندىكى خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى ھەم قۇۋۋەتلەر نورمالسىزلىقى ئۆز نۆۋىتىدە ئورگانىزمدىكى ئىچكى ئاجراتما بەزلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۇخۇمداننىڭ نورمال خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. تۇخۇمدان بولسا ئاياللار كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان جىنسى بەز بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋلىك ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ئاياللار كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ، يەنى بالىياتقۇ، سۈت بېزى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، جىنسى يول قاتارلىق ئەزالارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھەم نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمەتلەرنى بىجىرىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر بەدەندە يۇقىرىقىدەك نورمالسىز ئەھۋاللار ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا تۇخۇمداننىڭ دەۋرىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ھەم ئاجرىتىپ چىقارغان ئانىلىق، ھامىلدارلىق ھورمونلىرىنىڭ نىسبەتلىرى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، تۇرۇبا يولىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاقىۋەتتە تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالانماسلىقى، يەرلىك ئورۇندىكى كېسەللىك ئوچىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى سەۋەبىدىن توقۇلما- ھۈجەيرىلەر تەكرار غىدىقلىنىپ، غەيرى تەبىئىي ھالەتتە ئۆسۈپ كۆپىيىپ تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

    دېمەك: يۇقىرىقىلار تۇرۇبا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان سەۋەبلەر بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئۆزىگە خاس داۋالاش پرىنسىپلىرىنى قوللىنىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، بۇ كېسەللىكنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋە قايتىلىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن بىمارغا بولغان روھى پەرۋىشنى كۈچەيتىش، بىمارنىڭ كېسەللىكتىن ئۈزۈل- كېسىل ساقىيىپ كېتىشكە بولغان ئىشەنچىسىنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە ھەر خىل نورمالسىز كەيپىياتلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا يوقىتىش چارىسىنى قوللىنىش، يەنى خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ ياكى خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ ۋە ياكى خالىس بەلغەم خىلىتىنىڭ بىرلەشمە مۇنزىچ، مۇسھىللىرىنى بېرىش ئارقىلىق، كېسەللىك ماددىلىرى بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، يەرلىك ئورۇندىكى قان تۇمۇرلارنىڭ توسالغۇچىنى ئېچىش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، ئارتۇق گۆشلەرنى يېيىش، سۈرۈش ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇپ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىگە دورىلاردىن شەربىتى ئۆشبە، مەتبۇخ چۆبىچىن، مەتبۇخ ھىلىلە، ئەرقى چۆبىچىن، ئەرقى شوخلا، مەجۇنى چۆبىچىن، مەجۇنى ئۈشبە، ئىتىرىفىل غۇدۇد، ھەببى ئەنزۇرت قاتارلىق دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ، تاللاپ ئىسىتمال قىلدۇرۇلىدۇ.

    يۇقىرىقى دورىلارنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بەدەن سىرتىدىن زىماد تەييارلاپ تۆۋەنكى قورساق ساھەسىگە تېڭىلىدۇ (يۇقىرىقى دورىلارنىڭ سۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق گۆشلەرنى يېيىش ئىششىق تارقىتىش قاتارلىق تەسىرلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، بىمارلاردا دورا ئىچىۋاتقان ھەم ئۆسمە چۈشۈش جەريانىدا تۆۋەنكى قورساق ساھەسىدە ئاغرىق كۈچيىش، يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار بىماردىكى خالتىلىق ئىششىق چۈشۈپ تۈگىگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا كېسەللىك قوزغىلىۋاتقان مەزگىلدە بىمارغا قارىتا ئاغرىق پەسەيىتكۈچى دورىلارنى بىرىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، داۋالاشنى كېچىكتۇرۇپ قويۇش، ھەتتا باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.) ئاخىرىدا بىمارنىڭ كېسەللىكى پۈتۈنلەي ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن، ئىچكى ئاجراتما بەز خىزمىتى ۋە تۇخۇمدان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان تولۇقلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك مۇرەككەپ دورىلىرىدىن ماددەتۇل ھايات، مەجۇنى سەقەنقۇر، مەجۇنى رېگى ماھى، داۋائىلمىشكى، لوبوبى كەبىر، ئامىلە نۇشدارى لوئلىۋى قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.

    قىسىقىسى، مەزكۇر كېسەللىكنى داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبى ھەم كېسەللىك يۈز بېرىش ئالاھىدىلىكلىرىنى تۇتقا قىلىپ، توغرا داۋالاش پرىنسىپىنى قوللىنىپ، داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قايتىلىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى، شۇنداقلا مەزكۇر كېسەللىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان بىر قىسىم ئېغىر كېسەللىك ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号