بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاش پرىنسىپلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، كېسەللىنىش مىخانىزىمى ۋە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى دىئاگنوزتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل كېسەللىكنى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى ئارقىلىق داۋالاشتىكى پرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش كېسەللىكى، سەۋەب، داۋالاش.
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش كېسەللىكى- ھەر خىل سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدە تۇخۇمدان خىزمىتى ۋە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، كلىنىكىدا ھەيز دەۋرى قالايمىقانلىشىش، ئەمدىن تەرتىپىسىز قان كېلىش، ھەيز مىقدارى كۆپىيىش ياكى ئازلاش، ھەتتا ئەيز كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ۋە كلىنىك ئىپادىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، كلىنىكىدا يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشتىن باشقا، قان ئازلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، يۈرەك رېتىمسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىرگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ۋاقتىدا ئۈزۈل- كېسىل داۋالاتمىغاندا بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، ھەتتا كۆپلەپ قان يوقىتىش سەۋەبىدىن شوك كېلىپ چىقىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدۇ.
ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ بۇ كېسەللىك بىلەن ئاغرىش نىسبىتى %80-%70، يېتىلىۋاتقان قىزلارنىڭ %30-%20 ئېشپ بارغانلىقى ئېنىقلانغان.
تۆۋەندە مەن كلىنىك كۆزىتىش جەريانىدا ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرىمغا ئاساسەن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش كېسەللىكىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە قېلىنلاش كېسەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1. كېسەللىك سەۋەبى
1.1 خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى: بۇنىڭدا كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بىلەن مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل نورمالسىز خىلىت ئومۇمىي كەيپىيات جەھەتتىن سوغۇق بولۇپ، بالىياتقۇنىڭ ھۆل سوغۇق كەيپىياتىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىپ، ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ دەۋرىيلىك سويۇلۇپ، ھەيز سۈپىتىدە سىرتقا چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.
كۆيگەن سەۋدا خىلىتى يېپىشقاقلىق ۋە چۆكمىگە چۈشۈش خۇسۇسىيىتى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان نورمالسىز خىلىت بولۇپ، قان تومۇرلاردا ئاسانلا توسۇلۇشنى پەيدا قىلىپ، بالىياتقۇدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلەرنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى قۇرۇق سوغۇققا مائىل بولۇپ، بەدەندە بۇ خىل نورمالسىز بەلغەم خىلىتى شەكىللەنگەندە نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، خىلىتلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش ۋە قان تۇمۇر ئىچىدە ئويۇلمىلارنى ھاسىل قىلىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ. نەتىجىدە، بالىياتقۇ توقۇلما- ھۈجەيرىلىرىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن ھۈجەيرىلەردە نىكروزلىنىش، ئۆلۈش، غەيرىي تەبىئىي ئۆسۈپ چىقىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە زىيادە قېلىنلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1.2. تۇخۇمدان خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى: يۇقىرىقىدەك خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى نەتىجىسىسدە، تۇخۇمداننىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى بۇزۇلۇپ، ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى قالايمىقانلىشىدۇ، يەنى ئانىلىق ھورمون ئاجرىلىپ چىقىشنىڭ كۆپ، ھامىلدارلىق ھورمون ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ ئاز بولۇش قېلىشى بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ھۈجەيرىلرىدە غەيرىي ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ھەددىدىن زىيادە قېلىنلاشتۇرۋېتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان ئانىلىق ھورمون بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ئۆستۈرۈش تەسىرىنى بېرىدۇ. ھامىلدارلىق ھورمۇن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ئۆسۈش دەۋرىدىن ئاجرىتىش دەۋرىگە ئۆزگەرتىدۇ. تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى دەۋر خاراكتېرلك يېڭىلىنىپ، ئۆسۈپ تۆكۈلۈپپ تۇرىدۇ. ئورگانىىزمدا مىزاج ۋە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن تۇخۇمداننىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، ئانىلىق ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپىيىپ، ھامىلدارلىق ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش كېمىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە غەيرىي تەبىئي ئۆسۈش شەكىللىنىدۇ.
1.3. قۇۋۋەتلەر نورمالسىزلىقى: ئورگانىزىمدىكى خىلىتلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەڭپۇڭسىز ھالەتتە تۇرۇشى نەتىجىسىدە قۇۋۋەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قۇۋۋىتى تەبىئىنىڭ خىزمىتىدە چېكىنىش يۈز بېرىپ، ئۆز بەدەنلىك زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. قۇۋۋىتى شەخسىيەتنىڭ ئىچكى قىسىىدىكى خىزمەت پائالىيەتلىرى مەلۇم دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. قۇۋۋىتى غازىيە نورمالسىزلىشىپ، يەنى بالىياتقۇنىڭ ئۆزىدىكى قۇۋۋىتى ماسىكە (تۇتۇپ تۇرۇش قۇۋۋىتى) نىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ، قۇۋۋىتى دافىئە (ھەيدەپ چىقىرىش قۇۋۋىتى) نىڭ خىزمىتى ئاجىزلاپ، يېڭىدىن ئۆسۈپ قېلىنلىغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋاقتىدا سويۇلۇپ چۈشەلمەيدۇ-دە، دەۋرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ. نەتىجىدە، يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ تەسىر قىلىشى ۋە مەۋجۇت بولۇشى تۈپەيلىدىن، بالىياتقۇنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆسۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۇقىرىقى ئامىللاردىن باشقا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، كۆپ قېتىم بالا قىردۇرۇش، نورمالسىز روھىي كەيپىياتلار، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەر خىل مەقسەتتە ئانىلىق ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش، مۇھىتتىكى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئامىللارمۇ مەزكۇر كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
2. داۋالاش پرىنسىپى ۋە ئۇسۇللىرى
يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەزكۇر كېسەللىكنىڭ جەمئىيىتىمىزدە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىمارلارنىڭ بۇ كېسەللىكنى داۋالىتىشتا، قېلىنلاپ ئۆسۈپ قالغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قىرىپ ئېلىۋېتىشقا ئوخشاش داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. گەرچە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىنچە يەڭگىللەتسىمۇ، لېكىن قايتىلىنىش پۇرسىتى يۇقىرىلاپ، ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېغىرراق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولماقتا. يەنى ئۆسۈپ قېلىنلىغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى تەكرار قىرىۋېتىش نەتىجىسىدە، بالىياتقۇدىكى نورمال توقۇلما- ھۈجەيرىلەر زىيانغا ئۇچراپ، بالىياتقۇنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ يامان سۈپەتلىك ھۈجەيرىلەرگە ئۆزگىرىپ، يېڭى راك كېسەللىك ئوچاقلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سورۇن ھازىرلىنىۋاتماقتا. شۇڭا، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، بۇ كېسەللىكنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋە قايتىلىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
2.1 داۋالاش پرىنسىپى:
2.1.1. ئالدى بىلەن بىمارغا قارىتا داۋالاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا روھىي پەرۋىشنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ كېسەللىكتىن ئۈزۈل- كېسىل ساقىيىپ كېتىشكە بولغان ئىشەنچىسىنى تولۇق قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە ھەر خىل نورمالسىز روھىي كەيپىياتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلاش لازىم.
2.1.2. كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا يوقىتىش چارىسىنى قوللىنىش كېرەك. ئەگەر كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىل غەيرىي تەبىئىي خىلىت بولسا، كېسەللىك پەيدا قىلغان غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىش ئارقىلىق، كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىش؛ ئەگەر تۇخۇمدان خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، بەدەندىكى كېسەللىك ئالامىتى (ئەمدىن تەرتىپسىز قان كېلىش) نى يوقىتىپ بولغاندىن كېيىن، تۇخۇمدان خىزمتىىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبكە قارىتا تەدبىر قوللىنىش كېرەك.
2.1.3 غەيرىي تەبىئي ئۆسۈپ قېلىنلاپ قالغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك ئورۇندىكى قان تۇمۇرلاردا شەكىللەنگەن توسالغۇلارنى ئېچىش، توپلاشقان بۇزۇن ماددىلارنى تارقىتىش، ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇپ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈرۈش تەسىرىگە ئىگە دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.
2.1.4. ئىچكى مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تۇخۇمدان خىزمىتىنى ياخشىلاش كېرەك.
2.1.5. ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان تولۇقلاش، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم.
2.2. داۋالاش ئۇسۇللىرى:
بىرىنچى باسقۇچتا، ئەگەر كېسەللىك خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى خىلىتقا قارىتا، كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش مەقسىتىدە خالىس سەۋدانىڭ ياكى بەلغىمى سەۋدانىڭ بىرلەشمە مۇنزىچ، مۇسھىللىرىنى بېرىش ئارقىلىق، كېسەللىك سەۋەبچىلىرى بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.
ئەگەر تۇخۇمدان خىزمىتى قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن ئەمدىن قالايمىقان خۇن كېلىش، ھەيز مىقدارى كۆپىيىش، ھەيز توختىماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسا، ئەمدىن كەلگەن تەرتىپسىز خۇننى توختىتىش مەقسىتىدە شەربىتى ئەنجىباھار بىر كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىيلىتىردىن، سۇفۇپى ئەنجىباھار بىر كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن، قۇرسى كەھرىبا بىر كۈندە ئىككى قېتىم 5-3 دانە ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ. زىمادى خۇن بىر كۈندە بىر قېتىم دوۋسۇن ساھەسىگە چېپىلىدۇ.
يۇقىرىقى دورىلار تەرتىپسىز خۇن كېلىش ئەھۋالى ياخشىلانغۇچە (توختىغۇچە) ئىستىمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
بىماردىكى يۇقىرىقى ئالامەتلەر ياخشىلانغاندىن كېيىن، تۇخۇمدان خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبكە قارىتا يوقىتىش چارىسى قوللىنىلىدۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان تۇخۇمدان خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ئاساسلىقى خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش مەقسىتىدە خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلارنى بېرىش زۆرۈر.
بىماردىن كۆپلەپ خۇن كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئېغىر نەرىسلەرنى كۆتۈرۈش، نورمالسىز روھىي كەپىياتلارغا ئۇچرىشىشتىن توسۇپ، تىنىچ يېتىپ ئارام ئېلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدە بىماردىكى كېسەللىك ئالامىتىگە قارىتا خۇن توختىتىش چارىسى قوللانمىغاندا، ئومۇمىي بەدەندە قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا كۆپلەپ قان يوقىتىش سەۋەبىدىن شوك كېلىپ چىقىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىگە قارىتا دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامىتى ياخشىلانسا، بىمارغا قارىتا تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دىئاگنوزنى مۇقىمداپ، كېسەللىك سەۋەبچىسىگە قارىتا يوقىتىش چارىسى قوللىنىش كېرەك. مۇبادا ئەمدىن تەرتىپسىز قان كېلىشنى توختاتماي تۇرۇپ، كېسەللىك سەۋەبچىسىنى يوقىتىش چارىسىنى قوللانغاندا، كېسەللىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ھەتتا يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئىككىنچى باسقۇچتا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ غەيرىي تەبىئىتى ئۆسۈپ، قېلىنلىشىپ قېلىشىنى يوقىتىش مەقسىتىدە يەرلىك ئورۇندىكى قان تۇمۇرلارنى توسالغۇسىنى ئېچىش، بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش، سۈرۈش، ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇپ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە ئۇيغۇر تېبابەت خام دورىلىرىدىن مۇرەككەپ دورا ياسالمىلىرىنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
دورىلاردىن شەربىتى ئۆشبە، مەتبۇخى چۆبىچىن، مەتبۇخ قەسبۇزەرىيە، ئەرەقى چۆبىچىن ياكى ئەرەقى شوخلا بىر كۈندە ئىككى قېتىم 100 مىللىيلىتىردىن، مەجۇبى چۆبىچىن بىر كۈندە ئىككى قېتىم 10 گىرامدىن، ئىتتىرفىل غۇددى، داۋائى تۇربۇت بىر كۈندە بىر قېتىم 10 گىرامدىن، ھەببى ئەنزىرۇت بىر كۈندە بىر قېتىم 7 دانىدىن ئىستىمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.
يۇقىرىقى دورىلارنىڭ سۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق گۆشلەرنى يېپىش، ئىشىق تارقىتىش قاتارلىق تەسىرلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، دورا ئىستىمال قىلىۋاتقان مەزگىلدە بىمارنىڭ تۆۋەنكى قورساق ساھەسىدە ئاغرىق كۈچىيىش، يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ھەمدە ئادەتنىڭ رەڭگى، شەكلى ۋە مىقدارى جەھەتتە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: كېسەللىك خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقسا، بىماردا بىر مەزگىل ئادەت كەلمەيدۇ، كەلسىمۇ مىقدارى نورمالدىكىدىنمۇ ئازلاپ قالىدۇ. دورىلارنى ئىستىمال قىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ. بۇ ۋاقىتتتا بىمارنىڭ ھەيز دەۋرلىكى نورماللىشىدۇ ھەمدە ھەيزغا جىگەر پارچىلىرىدەك ئۇيۇل ماددىلار ئارىلىشىپ كېلىدۇ. بۇلار ئادەتتە نورمال ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەيز دەۋرلىكىنىڭ نورماللىشىشى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا قاراپ يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. شۇڭا كېسەللىك قوزغىلىۋاتقان مەزگىلدە بىمارغا ھەرگىزمۇ ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە دورىلارنى بىرىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشى، ھەتتا باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى باشقۇچتا، بىمارنىڭ كېسەللىكى پۈتۈنلەي ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن، ئىچكى ئاجراتما بەز خىزمىتى ۋە تۇخۇمدان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قان تولۇقلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، بالىياتقۇ خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ماددەتۇل ھايات، مەجۇنى سەقەنقۇر، داۋائى مىشكى، لوبوبى كەبىر، ئامىلە نۇشدارى لوئلىۋى بىر كۈندە بىر قېتىم 10 گىرام دىن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
دېمەك: بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش كېسەللىكى بولسا كېسەللىك سەۋەبى ھەم پەيدا بولۇش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان پاتولوگىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت. بۇ كېسەللىكنى داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبى ھەم كېسەللىك يۈز بېرىش ئالاھىدىلىكلىرىنى تۇتقا قىلىپ، توغرا بولغان داۋالاش پرىنسىپىنى تۈزۈپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ناھايىتى زۆرۈر. چۈنكى بەدەندە ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك ئالامىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ شۇڭا، داۋالاشتا چوقۇم كېسەللىك پەيدا قىلغان سەۋەب ۋە بەدەندە ئىپادىلىنىپ چىققان كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ۋە دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا مەزكۇر كېسەللىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان بىر قىسىم ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号