تۇغماسلىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە ھالىتىگە ئاساسەن بىرلەمچى تۇغماسلىق ۋە ئىككىلەمچى تۇغماسلىق دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
ئاتالمىش تۇغماسلىق، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇرۇقنىڭ تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرالماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقى بولسا بىر يىل ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت قەرەللىك ئېلىپ بېرىلغان جىنسىي ھەرىكەتتىن كېيىن، يەنىلا تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە ھامىلىدار بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن، ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى، داس بوشلۇقىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشى، يەنە ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ئورۇقنىڭ قالغان يېرىمىغا نىسبەتەن ئانتىتېلانىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىقلار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت.
ئەگەر دوختۇر يەنە ئۈمىد بار دەپ دىئاگنوز قويسا، داۋالاشنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىللە، تۇغۇشقا ياردەم بېرىدىغان بەزى ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى تەڭشىسىمۇ تۇغماسلىق ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ھايۋانات مەنبەلىك ياغ، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە شېكەرنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم؛ ئىمكانقەدەر جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق، ياكى قىزىق سۇدا، پار مۇنچىسىدا يۇيۇنماسلىق لازىم. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇقنىڭ ھەرىكىتى ۋە تۇخۇمنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، كەيپىياتنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشش ئۈچۈن، يەنە تاماكىدىن خالىي بولۇش لازىم. سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرۇپ، ھەيز دەۋرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقات قەھۋەنىڭ ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى، شۇڭا ئاياللار قەھۋەنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىچىشى لازىم.
بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى كېچىكىپ توي قىلىدۇ، لېكىن ئادەتتە ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ، شۇڭا ھامىلىدار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرماقچى بولغاندا تۇغۇت يېشىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش كېرەك. يۇقىرىقى شەرتلەردىن باشقا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، نورمال مەشغۇلات قىلىش ھەمدە كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېىرلىقىنى ساقلاش، خۇشال روھىي كەيپىياتنى ساقلاش، زىيادە كۆپ بېسىمغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ئەڭ تۈپ پرىنسىپ ھېسابلىنىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا: يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىن E، ۋىتامىن C، بىئوتىن، سېلېن، سىنك، كوبالت، كالتسىي قاتارلىقلار.
كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر:
توخۇ، ئۆردەك، غاز گۆشلىرى، بېلىق، كۈدە، باش پىياز، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى، قارا مور، چىلان، دولانا، ئالقات، ياڭاق، كاۋا ئۇرۇقى، گازىر، كۈنجۈت، خاسىڭ، ئارپىبەدىيان، قارا شېكەر، سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ھەسەلدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号