ساماۋەر شورپىسىنىڭ خام ماتىرىيالى قوي، كالا، ئۆچكە گۆشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ گۆشلەردە قۇرت لىچىنكىلىرى ھەمدە چارۋا ياكى ئۆي قۇشلىرىنىڭ پارازىت قۇرتلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قۇرتلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ ئۇ چارۋا-مال، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدە بولىدۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ .
كىشىلەر ساماۋەر شورپىسىنى ئىچكەندە يېڭى گۆشنى شورپىغا سېلىپ قىزىتىپلا يېيىشكە ئادەتلەنگەن. بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ -دە، قۇرتلار ئۈچەيگە، ئاندىن ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە تارايدۇ. ھامىلدار ئاياللار پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بىلەن يۇقۇملانسا كۆپىنچە ئېنىق سېزىم بولمايدۇ ياكى زۇكام ئالامەتلىرىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمما قۇرت لىچىنكىلىرى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھامىلە چۈشۈپ كېتىش. ئۆلۈپ قېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ ياكى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ بالىنىڭ بېشى يوغان ياكى كىچىك بولۇش، مېڭىسى يوق بولۇش قاتارلىق غەيرىلىكلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى سالامەتلىكى ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ساماۋەر شورپىسى ئىچمەسلىكنى، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى تولۇق پىشۇرۇپ ئاندىن ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号