• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · خانىم-قىزلار تېرىسىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟
  • · بالىلارنىڭ بويى پاكار بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەپلىرى
  • · بالىلارنى دۆتلەشتۈرۋېتىدىغان ئادەتلەر...
  • · بالىلارنى دۆتلەشتۈرۋېتىدىغان ئادەتلەر...
  • · بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك
  • · بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك
  • · بالىلاردىكى كۆك يۆتەل
  • · بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش
  • · بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىقى
  • · بالىلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش
  • · بالىلاردىكى سىيگەكلىك كېسىلى
  • · بالىلار 6 ياشتىن بۇرۇن كىكەچلىسە ئەنسىرمەڭ
  • · بالىلارنىڭ ئۇيۇنچىقى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ
  • · بوۋاق قىزىپ قالغاندا قىزىتمىسىنى قانداق چۈشۈرۈش كېرەك
  • · بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش كېسىلى
  • · بالىلار نىمە ئۈچۈن ئاسان زۇكام بولىدۇ
  • · بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە
  • · بالىڭىزدىكى تېلىۋىزور كېسىلىگە دىققەت قىلىڭ
  • · تىراخۇمانىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • · بالىڭىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى
  • · بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلى
  • · قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بويى ئىگىز بولىدۇ
  • · قورقۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتېرى
  • · بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز
  • · بالىلار مىتال بۇيۇملارنى يۇتىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك
  • · بالىلار ئۆپكە سىلى
  • · بالىلارنىڭ بويۇن بەز سىلى
  • · بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسىراڭ
  • · سىل كېسىلى تارقالغاندا بالىڭىزنى ئادەم كۆپ جايغا ئاپارماڭ
  • · بالىلارنى سۈتتىن ئايرىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
  • · بالىلارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۈلگىيى ئاقىدۇ ؟
  • · پۇرچاق سۈتى قايناتقانداق شىكەر قوشۇش بالىلارغا زىيانلىق
  • · بالىلاردىكى كىندىك ياللۇغى
  • · بالىلارغا گۆش بېرىش توغرىمۇ ؟
  • · بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسىراڭ
  • · بالىلاردىكى تۇغما سىفلىس
  • · بالىلارنىڭ زىيادە كۆپ ئۇخلىشى زىيانلىق
  • · بالىلاردىكى قىزىل چىقىش
  • · بالدۇر تۇغۇلۇش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بالا تۇنجۇقۇپ قېلىش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاناش
  • · كىندىك قاناش
  • · بوۋاقلاردىكى جىنسىي يول قاناش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىكى كۆز ئاغرىقى
  • · كېندىك ياللۇغى
  • · مەقەت پۈتەيلىكى
  • · بالىلاردىكى كۆز ئاغرىقى
  • · بالىلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش
  • · بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش
  • · بالىلاردىكى تولغاق
  • بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسىراڭ
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 13:37 11-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 17731
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    چىشنىڭ يېمەكلىكلەرنى چايناش رولى بولۇشتىن باشقا سۆزلەش ۋە يۈزنىڭ شەكلى توغرا بولۇشىغا ياردەملىشىدۇ. ئەگەر چىش چۈشۈپ كەتسە يېگەن يېمەكلىكلەر ياخشى چاينىيالمايدۇ –دە، ھەزىم بولۇپ شۈمۇرۈلۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. كىچىكلىكتىن چوڭ بولغىچە ئىككى قېتىم چىش چىقىدۇ. بىرىنجى قېتىمدا چىققىنى سۈت چىش دەپ ئاتىلىدۇ. يەڭگۈشلىنىپ ئىككىنجى قېتىم چىققىنى تۇراقلىق چىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتە ئايلىق بولغاندىن تارتىپ سۈت چىشلىرى چىقىشقا باشلاپ، ئاستى ئۈستىدە جەمىئى 20 سى ئىككى ياش ئەتراپىدا چىقىپ بولىدۇ. ئالتە ياش ئەتراپىدا سۈت چىشلىرى ئالمىشىش باشلىنىپ، 12 ياش ئەتراپىدا تۇراقلىق چىشقا ئالمىشىش بولىدۇ. 18 ياشتىن كىيىن ئەڭ ئاخىرقى ئېزىق چىش چىقىدۇ. بۇنى ئەقىل چىشى دەپمۇ ئاتايدۇ. لېكىن بەزىلەرگە ئەقىل چىشى چىقمايمۇ قالىدۇ. شۇڭلاشقا جەمىئى 28 دىن 32 غىچە تۇراقىلىق چىش بولىدۇ. قۇرت چىش (چىرىگەن چىش ) ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرى ئېغىز بوشلۇقىدىكى  ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكىلەردىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ سىتاتسىتىكىلىق سانلىرىغا ئاساسلانغاندا بۇ ئىككى خىل كېسەللىك چىشنى تاتقۇزۇۋېتىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن 87 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىكەن. بالىلىق ۋاقتىدا چىش ئاسانلا ياللۇغلىنىپ چىرىيدۇ. قۇرت چىش – چىشنىڭ باكتېرىيە سەۋەبى بىلەن بۇزۇلۇشى بولۇپ، ئەمەلىيىتتە چىشتا قۇرت بولمايدۇ. بىرەر نەرسە يېگەندىن كېيىن يېمەكلىك پارچىلىرىنىڭ بىر قىسمى چىش يوچۇقلىرى ياكى چىش يۈزىدە قالىدۇ. ئادەتتىمۇ ئېغىز بوشلۇقىدا كۆپ مىقداردا باكتېرىيلەر بولىدۇ. مەسلەن، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيلىرى، سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيلىرى. بۇ خىل باكتېرىيىلەر قالدۇق يېمەكلىكلەرنى ئېچىتىپ چىشنى بۇزالايدىغان كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. كىسلاتالار چىشقا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن چىشتا تۆشۈك پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چىشنىڭ مەلۇم يەرلىرى چىرىشقا باشلايدۇ. سۈت چىشلىرنىڭ كالتسىيلىشىشى تۇراقلىق چىشلاردىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭلاشقا سۈت چىشلىرى ئاسانلا چىرىيدۇ. يېڭىدىن چىش چىرسە دەسلەپتە سېزىلمەيدۇ. چىشتىكى تۆشۈكلەر تەدرىجىي يوغىنىغاندىن كېيىن ئىسىسق – سۇغۇق، ئاچچىق – تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئاغرىش ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالانمىسا يەنە تەرەققى قىلىۋەرسە چىش يىلىكى ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ. كېچىسى ياكى كۈندۈزى تۇيۇقسىزلا تۇتۇپ – تۇتۇپ ئاغرىيدۇ، ئېغىرراق ئاغرىسا يۈزلىرى ئىششىپمۇ قالىدۇ. قىزىتىدۇ. باكتېرىيىلەر ۋە باكتېرىيە زەھەرلىرى بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىدا كېسەللىك پەيدا قىلىپ، سارامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا چىرىگەن (قۇرت يېگەن )چىشنى چۇقۇم بالدۇرراق داۋالىتىش كېرەك.

    سۈت چىش بۇزۇلسا داۋالىتىش لازىممۇ – يوق؟ بىر قىسىملار: ‹‹سۈت چىشى ئاخىرى چۈشۈپ ئالمىشىدۇ، ئازراق كېسەل بولسا داۋالىمىسىمۇ كارائىتى يوق›› دەپ تۇنۇيدۇ. بۇ خىل تونۇش ئەلۋەتتە خاتا. سۈت چىشلىرى بالىلىق ۋاقىتتىكى يېمەكلىكلەرنى چايناپ بېرىدىغان مۇھىم ئەزا. ھەمدە سۈت چىشلىرى ئاسانلا چىرىيدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالاتمىسا تۇراقلىق چىشنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە چىشنىڭ رەتلىك چىقىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چىرىگەن چىش ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆپ تەرەپتىن دىققەت قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئىغىز بوشلۇقى پاكىزلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش. چىش پاكىزلىكىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. ئېغىز بوشلۇقى پاكىزلىكى ياخشى بولمىسا چىشنىڭ يۈزى، بۇلۇپمۇ چىش يېرىقلىرىدا قالغان يېمەكلىكلەر باكتېريىلەرنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولۇپ، چىشنىڭ چىرىشى بىلەن چىش يىلتىزىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئېغىز بوشلۇقى پاكىزلىكىگە رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلار ئائىلىدىكىلەرنىڭ ياكى بالىلار باغچىسىدىكى تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن چىش چوتكىلاشنى ئۆگىنۋېلىش لازىم. بەزىلەرنىڭ تەجرىبە قىلىپ ھسابلاپ كۆرۈشىچە ئېغىز چايقىغان بىر كۇپ سانتىمېتىر سۇ ئىچىدە 10 مىڭدىن 50 مڭغىچە مىكرو ئورگانىزىملار بارلىقىنى سەزگەن. مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئەڭ كۆپ بولىدۇ. چۈنكى كېچىسى ئۇخلىغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەيلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى ئازىيىپ، چىشنى يۇيۇش رولى تۆۋەنلەيدۇ. باكتېرىيلەر كۆپلەپ كۆپىيەلەيدۇ – دە، ناھايىتى ئاسانلا چىشنى چىرىتىپ بۇزىدۇ. ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم چىشنى چوتكىلاپ ئېغىزدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى يۇيۇپ تازىلىۋەتسە ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيىلەر ئىنتايقن ئازىيىدۇ. شۇڭلاشقا چىشنىڭ چىرىش ۋە ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىشنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۈنىگە ئىككى قېتىم ئەستايىدىل چوتكىلاپ يۇيۇش لازىم. بالىلارمۇ ئۈچ ياشتىن باشلاپ ئەتىگەن، كەچتە چىش يۇيىدىغان، تاماقتىن ئېغىزنى چايقايدىغان ياخشى ئادەتنى ئۆزلەشتۈرۈش لازىم.

    بەزىلەر چىشنى چوتكىلاپ كۈندە يۇيۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا چىشى چىرىپ بۇزۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب: چوتكىلاش ئۇسۇلى ۋە چوتكىنى تاللاشنىڭ نامۇۋاپىق بولغانلىقدا. بالىلارغا چىشنى توغرا چوتكىلاش يەنى تىك چوتكىلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش لازىم. چۈنكى چىشمۇ تىك ئۆسكەن بولۇپ، تىك چوتكىلىسا ئاندىن چىش ئارىلىرىدىكى قالدۇق يېمەكلىكلەرنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئۈستۈنكى چىشلارنى ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاستىنقى چىشلارنى ئاستىدىن ئۈستىگە چوتكىلغاندا چىش پاكىز بولىدۇ. باكتېرىيىلەرمۇ ھەم يېمەكلىكلەر قالدۇقى چىرىپ كىسلاتا پەيدا قىلىدىغان پۇرسەتمۇ ئازىيىدۇ. چىش كۆپلەپ ئۇپراپ كەتمەيدۇ. چىش مىلىكى ئەتراپى توقۇلمىلىرىنىڭ قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ قارشىلىق كۈچى كۈچىيىدۇ. چىش چوتكىسى تاللىغاندا يوغان باشلىقنى تاللىماي، بەلكى مەخسۇس لايىھىلەنگەن ‹‹ساقلىقنى ساقلاش چوتكىسى››سېتىۋېلىش لازىم.

    چىش پاستىلىرى ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. چىش پاستىلرىغا مەلۇم مىقداردا فىتورلۇق ماددىلارنى قوشسا چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تېخىمۇ پايدىلىق رول ئوينايدۇ.

    يۇقىرىقىلاردىن باشقا بالىلانى غىزالىنىشتا ياخشى ئادەتكە كۆندۈرۈشىمىز لازىم. تاماق تاللىماي يېڭى كۆكتات ۋە يەرلىك ئاشلىق (قوناق) تامىقىنىمۇ مەلۇم مىقداردا يېيىشلىرى لازىم. بۇلار تەركىبىدە كالىسىي فوسفۇر، فىتور ۋە باشقا مۇھىم ۋىتامىنلار بار بولۇپ، چىش ۋە بەدەن ئۈچۈن پايدىلىق. بالىلارغا ھەددىدىن ئارتۇقچە كەمپىت، قەنت ۋە پېچىنىلەرنى بەرمەسلىك، بۇلۇپمۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كەمپىت، قەنت يېمەسلىكى كېرەك. كەمپىت شۈمۈپ ئۇخلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى تاتلىق نەرسە چىشتا بىر كېچە تۇرسا باكتېرىيىلەر ئۆسۈپ يېتىلىپ چىشنىڭ چىرىپ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىۋرتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا چىشلار رەتلىك ئۆسكەن بولۇپ، يۇقىرى تۆۋەن چىشلار چىشلەشكەن بولىدۇ. ئۈستىنكى چىش سەل پەل تۆۋەنكى چىشنى بېسىپراق تۇرىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال.بىر قىسىم بالىلارنىڭ چىشلىرى رەتسىز بولۇپ، بەزى چىشلىرى  بىر يەرگە قىستىلىۋالىدۇ. بەزىلىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن چىشلىرى نورمال چىشلەشمەيدۇ. مەسلەن، يۇقىرى تۆۋەن چىشلىرى چىشلەشكەندە تۆۋەنكى چىشلىرى سىرتىغا چىقىۋالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىر نەرسە يېگەندە ئالدىنقى چىشلارنىڭ بورمىل چايناش رولى جارى بولمايدۇ، چايناش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ. شۇنداقلا تۆۋەنكى چىشلار ئۈستنىكى ئالدىنقى چىشلارنىڭ بورمال ئالدىغا ئۆسۈشىنى توسۇۋېلىپ، نەتىجىدە بالىنىڭ يۇقىرى كالپۇكى ئىچىگە، تۆۋەن ئىڭىكى ئالدىغا چىقىپ قالغان قىياپەت شەكىللىنىپ قالىدۇ، ۋاقىتلار ئۇزارغانسىرى بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدىنقى چىشلار نەرسىلەرنى چاينىيالمايدۇ ھەمدە سۆز قىلغاندا ئاغزىدىن يەل قاچىدىغان، سۆزلىرى ئېنىق چىقمايدىغان ھادسىلەر يۈز بېرىدۇ. چىشنىڭ رەتسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىشنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاش، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە يەسلىدىكى تەربىيلىگۈچىلەر بالىلارنىڭ ئېغز پاكىزلىكىگە دىققەت قىلىشلىرى، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشلىرى لازىم. قۇرت يېگەن چىش بولسا، بالدۇرراق داۋالىتىش لازىم. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالاتمىسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ-دە، بۇزۇلغان سۈت چىشنى تارتىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاستىدىكى تۇراقلىق چىش تېخى چىقىش ۋاقتىغا توشمىغىنى ئۈچۈن تارتىۋەتكەن سۈت چىشنىڭ بوشلۇقىنى ئىككى ياندىكى چىشلار ئاستا –ئاستا قىستايدۇ. تۇراقلىق چىش چىقىشقا باشلىغاندا بوشلۇق يەتمەيدۇ، نەتىجىدە تۇراقلىق چىش قىيپاش ئۆسىدۇ ياكى ئىچى-تېشى رەتسىز بولۇپ قالىدۇ. بەزى چىش ئالمىشىدىغان ۋاقىتلاردا تۇراقلىق چىش چىقىشقا باشلىسمۇ، لېكىن سۈت چىشلار چۈشۈپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە يېڭى ئۆسۈپ چىقىۋاتقان تۇراقلىق چىش ئىچى ياكى سىرتى تەرىپىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ – دە، چىشنىڭ رەتسىزلىكىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تېخى چۈشمىگەن سۈت چىشنى تاتقۇزۇپ ئېلىۋېتىش كېرەك. بالىلارنىڭ چىشى ئالمىشىش مەزگىللىرىدە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بارماقلىرىنى يالاپ شۈمىدىغان، قېرىنداش، سىزغۇچلارنى چىشلەيدىغان يامان ئادەتلەرنى چەكلەش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا چىشلار رەتسىز بولۇپ قالىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ بىر تەرىپىدىكى چىشنىڭ قۇرت يېگەن يېرى بولسا، غىزا يېگەندە ئاغرىشتىن قورقۇپ ئۇزۇن زامانلارغىچە ساق تەرىپىدىلا يېمەكلىكنى چاينايدۇ، نەتىجىدە ئىككىلا تەرەپ يۈز مۇسكۇللىرىنىڭ ئۆستۈرۈش تەرەققىياتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر بالىلاردا سوزۇلما خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى بولۇپ دائىم بۇرنى (دىمىقى) پۈتۈپ ئاغزى بىلەن بەپەس ئالسا، ۋاقىت ئۇزارغانسىېرى ئىككى تەرەپ جاۋغىيى جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ، چىشلىرىنى ئالدىغا قىستايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى چىشلارنىڭ رەتسىزلىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئومۇمەن بالىلار ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز ساقلايدىغان ئادەتكە كۆنۈش، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىشلىرىنى چۇقۇم چوتكىلاپ يۇيۇشلىرى لازىم.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号