بالىلار بەزىدە ئويناۋاتقان ياكى تۇتالايدىغان نەرسىلەرنى (مەسلەن، تۈگمە، مېتال پۇل، مىخ، شاراك، يىڭنە قاتارلىقلار) ئاغزىغا سېلىپ ئويناۋېتىپ تۇيۇقسىزلا دىققەتسىزلىكىتىن يۇتۇۋالىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالا ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشى ياكى كېيىنكى ھەر ئېھتىمالدىن ئەنسىرەپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي ھودۇقۇپ دوختۇرغا يۈگۈرىدۇ.
بالا يۇتۇۋالغان يات بۇيۇملارنى زادى قانداق زىيىنى بار؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ئاۋۋال بالا تۇيۇقسىز يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئۇزۇن-قىسقىلىقى قاتارلىقلارنى ئىگەللەش لازىم. ئەگەر بالا يۇتۇۋالغان نەرسە مېتال پۇل، تۈگمە قاتارلىق دۆگىلەك شەكىلدىكى نەرسىلەر بولسا، ئۇچلۇق قىرلىق بولمىسىلا ئەنىسرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ خىل نەرسىلەر 1-2 كۈن ئىچىدە چوڭ تەرەت بىلەن بىللە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر يۇتۇۋالغان نەرسە يىڭنە، مىخ، تۆمۈر پارچىسى قاتارلىق ئۇچلۇق نەرسىلەر بولسا ئېتىبارسىز قارشقا بولمايدۇ. بۇ خىل نەرسىلەر ئۈچەي دىۋارلىرىنى تېشىۋېتىشى مۇمكىن. بۇنداق نەرسىلەرنى زۆرۈر تېپىلغاندا ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.بەزىدە يىڭنە، مىخ قاتارلىق قىرلىق نەرسىلەرمۇ چوڭ تەرەت ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپمۇ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىلار ئوينىغاندا قىرلىق، ئۇچلۇق نەرسىلەر ۋە يۇقىرىقىدەك نەرسىلەرنى تۇتقۇزماسلىقى لازىم. ئادەمنىڭ ئۈچىيى ئاستا-ئاستا ئۈزلۈكسىز ھالدا لۆمۈلدەش ئارقىلىق ئۈچەي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تۆۋەنگە قاراپ سىلجىتىدۇ. نەرسىلەر چوڭ ۋە ئۇزن بولمىسىلا ياكى سىرتىدىن بېسىم تەسىرى بولمىسىلا ئادەتتە ئۈچەي دىۋارلىرىنى زەخمىلەندۈرمەيدۇ.
مېتال بۇيۇملارنى بالىلار يۇتۇۋالغاندا ئەڭ ئاۋۋال يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش بىلەن شۇ نەرسىنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىنى زەخمىلەندۈرۈش ئېھتىمالى بار يوقلۇقىنى پەرەز قىلغاندىن كېيىن ئاندىن مۇۋاپىق چارە تەدبىر قوللىنىش، ئەڭ ياخشىسى بالىنىڭ يۇتۇۋالغان نەرسىسىنىڭ شەكلىنى ۋە زادى يۇتۇۋالغان ياكى يۇتۇۋالمىغانلىقىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن رېنتىگېنگە چۈشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك. رېنتىگېنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرغان ئورنى، شەكلى، چوڭ كىچىكلىكى ۋە ئۇنىڭ سانىنى ئېنىقلىۋېلىش كېرەك. ئەگەر يۇتۇۋالغان مېتال بۇيۇملار ئۇچلۇق ياكى قىرلىق بولسا دەرھال دوختۇرخانا جىددىي كېسەل كۆرۈش بۆلۈمىگە كۆرسىتىش كېرەك. شۇنداقلا يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ ئۈچەي دىۋارىنى تېشىۋېتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالىنىڭ قورسىقىنى ھەرگىزمۇ باسماسلىق ھەمدە ئىشتان كەمەرلىرىنى بوشىتىۋېتىش لازىم. ئادەتتىكى ئەھۋالدا يۇتۇۋالغان نەرسىنىڭ ئورنى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى ئىنچىكلىك بىلەن ئىككى سائەت، تۆت سائەت، 12 سائەت، 24 سائەتتە بىر قېتىم رېنتىگېىن بىلەن كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر تەكشۈرۈش جەريانىدا يۇتۇۋالغان نەرسنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەنگە قاراپ سىلجىۋاتقانلىقى بىلىنسە، ئۇنىڭ ئۈچەيگە سانجىلىپ قالمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تاكى چوڭ تەرەت يولىدىن چىقىپ كەتكىچە كۈزەتسە بولىدۇ. ئەگەر بىر نەچچە سائەت، يېرىم كۈن ياكى بىر كۈندىن كېيىنمۇ بىر ئورۇندا توختاپ قالسا، ئۈچەي دىۋارىغا سانجىلىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداقتا ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشنى ئويلىشىش كېرەك. ئەگەر رېنتىگېندە كۆزىتىش جەريانىدا دىئافراگما ئاستىدا ئەركىن گاز كۆرۈلسە، بۇ ئۈچەي تېشىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بالا يۇتۇۋالغان نەرسىلەر دۆگىلەك شەكىلدە بولسا كۈدە، بەسەي، كەرەپشە قاتارلىق ئۇزۇن تالالىق كۆكتاتلاردىن مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسا، بۇ خىل كۆكتات ئۈچەي ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرۈپ، ئۈچەيدىكى نەرسىنىڭ چوڭ تەرەت ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. لېكىن يۇتۇۋالغان مېتال بۇيۇملار ئۇچلۇق، قىرلىق بولسا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا مەلۇم مىقداردا كەرەپشە، كۈدە، بەسەي قاتارلىقلارنى يېگۈزۈپ بېقىش. لېكىن بەك تويغۇزۇۋەتمەسلىك، ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش لازىم. بەزىلەر بۇنداق بالىغا بىر يۇتۇم سۇماي ئىچكۈزۈۋەتسە ئۈچەي ئىچى سىلىقلىشىپ كىرگەن نەرسە ئاسان تۆۋەنگە سىلجىيدۇ دەپ تۇنۇيدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق. بالىغا ماي ئىچكۈزگەندە ئۈچەي ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچىيىپ ھەم تېزلىشىپ بالىنىڭ ئىچى سۈرىدۇ. ئەگەر يۇتۇۋالغان نەرسە قىرلىق بولسا ئۈچەي تېسىلىپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
ئومۇمەن بالىلار تۇيۇقسىز مېتال بۇيۇملارنى ۋە يات بۇيۇملارنى يۇتۇۋالسا ئاتا-ئانىلار جىددىيلىشىپ كەتمەي، ئەنسىرىمەي، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号