بەزى ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دائىم قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن: تىز ئۇخلا، بولمىسا بۆرە كېلىپ سېنى يەۋالىدۇ"،"يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ساڭا ئوكۇل سالىدۇ"دېگەندەك. بۇ دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ سەبى قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ، قورقۇنچ، ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە جىددىلەشتۈرۈپ، پىسخىكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بالىلارنى قورقۇتۇش بالىلارنى يۈرەكسىز، ئاجىز قىلىپ قويىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئاجىزلىقى ئارقىلىق قورقىتىدۇ. بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى چەكلەيدۇ. بۇ بالىلاردا خاراكتىر ئاجىزلىغىنى پەيدا قىلىدۇ -دە، ھەمىشە قورقۇپ ھودوقۇپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى قورقۇتقاندا بالا كېچىچە قورقۇپ چۈشلىرى بۇزۇلىدۇ. ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن ئەتىسى كەيپىياتقا تەسىر يېتىدۇ. بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە، بالىلارنىڭ سالامەتلىگىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئاتا -ئانىلار "خەپ، داداڭ كەلسە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم" دېگەندەك گەپلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ قەلبىدىكى دادىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يرتىدۇ-دە بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ.
دېمەك، بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولىگىيە جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلىشى، بالىلارنى ئەركىن يۈرەكلىك چوڭ قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىگىنى زىيادە چەكلىۋەتمەسلىگى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号