• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · خانىم-قىزلار تېرىسىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟
  • · بالىلارنىڭ بويى پاكار بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەپلىرى
  • · بالىلارنى دۆتلەشتۈرۋېتىدىغان ئادەتلەر...
  • · بالىلارنى دۆتلەشتۈرۋېتىدىغان ئادەتلەر...
  • · بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك
  • · بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك
  • · بالىلاردىكى كۆك يۆتەل
  • · بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش
  • · بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىقى
  • · بالىلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش
  • · بالىلاردىكى سىيگەكلىك كېسىلى
  • · بالىلار 6 ياشتىن بۇرۇن كىكەچلىسە ئەنسىرمەڭ
  • · بالىلارنىڭ ئۇيۇنچىقى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ
  • · بوۋاق قىزىپ قالغاندا قىزىتمىسىنى قانداق چۈشۈرۈش كېرەك
  • · بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش كېسىلى
  • · بالىلار نىمە ئۈچۈن ئاسان زۇكام بولىدۇ
  • · بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە
  • · بالىڭىزدىكى تېلىۋىزور كېسىلىگە دىققەت قىلىڭ
  • · تىراخۇمانىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • · بالىڭىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى
  • · بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلى
  • · قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بويى ئىگىز بولىدۇ
  • · قورقۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتېرى
  • · بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز
  • · بالىلار مىتال بۇيۇملارنى يۇتىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك
  • · بالىلار ئۆپكە سىلى
  • · بالىلارنىڭ بويۇن بەز سىلى
  • · بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسىراڭ
  • · سىل كېسىلى تارقالغاندا بالىڭىزنى ئادەم كۆپ جايغا ئاپارماڭ
  • · بالىلارنى سۈتتىن ئايرىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
  • · بالىلارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۈلگىيى ئاقىدۇ ؟
  • · پۇرچاق سۈتى قايناتقانداق شىكەر قوشۇش بالىلارغا زىيانلىق
  • · بالىلاردىكى كىندىك ياللۇغى
  • · بالىلارغا گۆش بېرىش توغرىمۇ ؟
  • · بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسىراڭ
  • · بالىلاردىكى تۇغما سىفلىس
  • · بالىلارنىڭ زىيادە كۆپ ئۇخلىشى زىيانلىق
  • · بالىلاردىكى قىزىل چىقىش
  • · بالدۇر تۇغۇلۇش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بالا تۇنجۇقۇپ قېلىش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاناش
  • · كىندىك قاناش
  • · بوۋاقلاردىكى جىنسىي يول قاناش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىكى كۆز ئاغرىقى
  • · كېندىك ياللۇغى
  • · مەقەت پۈتەيلىكى
  • · بالىلاردىكى كۆز ئاغرىقى
  • · بالىلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش
  • · بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش
  • · بالىلاردىكى تولغاق
  • قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بويى ئىگىز بولىدۇ
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 14:26 11-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 18555
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاتا- ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ گورۇي، بويى ئېگىز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان ئىنسانلار بۇيىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى روشەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ھازىرقى ياشلارنىڭ بويى 100 يىل بۇرۇنقى ئوخشاش ياشتىىكىلەرنىڭكىدىن تەخمىنەن 15 سانتىمېتر يۇقىرى ئىكەن. ئالىملار ئىنسانلار بويىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1.80-1.85 مېتىرغا بارغاندا تۇراقلىشىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

    بالا تۇغۇلغان ۋاقتىدا بويىنىڭ ئېگىزلىكى 49 – 51 سانتىمېتر كېلىدۇ. بالىلارنىڭ بوينىڭ ئۆسۈش جەريانى ھەر يىلى ئوخشاش بولۇۋەرمەيدۇ. بالا تۇغۇلۇپ دەسلەپكى يېرىم يىلدا ئۆسۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، بىر ياشقا توشقاندا تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىنىڭ بىر يېرىم ھەسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ياشلىق دەۋرنىڭ باشلىنىشى بىلەن 2-قېتىملىق بويىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. قىزلار 12-13 ياشقا كىرگەندە، ئوغۇللار 14-15 ياشقا كىرگەندە ياشلىق دەۋرى باشلىنىدۇ. ياشلىق دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئوغۇل-قىزلارنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن ياشلىق دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، ئوغۇل بالىلارنىڭ ئۆسۈ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئېگىز بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە بىر قانچە ئۆلكە، شەھەرلەردە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش ئېلىپ بېرىلغاندا، 18-25 ياشقىچە ئوغۇل ياشلارنىڭ ئوتتۇرىچە بويى ئېگىزلىكى 170.3 سانتىمېتر، قىز ياشلارنىڭ 159 سانتىمېتر كەلگەن.

    ئىرق، ئىرسىيەت، جۇغراپىيىلىك ھاۋا شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى، ساقلىقنى ساقلاش، گېگىنالىق شەرت-شارائىتى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، كېسەللىك، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكى قاتارلىق ئامىللار بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تۇغما خاراكترلىك ئامىللار ۋە تۇغما بولمىغان (تۇغۇلغاندىن كېيىنكى) ئامىللار دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

    غەرىپتىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئادەتتە بوي-تۇرقى نىسبەتەن ئېگىز، شەرىقلىقلەرنىڭ نىسبەتەن پاكار بولىدۇ. شىمال تەرەپلىكلەرنىڭ بويى ئومۇميۈزلۈك جەنۇپلىقلارنىڭكىدىن ئېگىز بولىدۇ. ئىرسىيەت بوينىڭ ئېگىز-پاكار بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابىنىدۇ. بوينىڭ ئېگىز-پاكار بولۇشىنىڭ تەخمىنەن 60 پىرسەنتى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئېرسىي ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئادەمنىڭ ھۈجەيرە يادرولىرى ئىچىدە تەخمىنەن 5 مىليوندەك ئېرسىيەت گىنلىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئېگىز-پاكار بولۇشى، چىراي تۇرقى، ئۇرۇق-سېمىزلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىرسىيەت گىنلىرى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بوينىڭ ئېگىز-پاكار بولۇشى قايسى قىسىم گىنلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ھازىر ئالىملار تەتقىق قىلماقتا. ئادەتتە ئېرسىيەت قانۇنىيەتلىرى مۇنداق بولىدۇ:

    ئاتا – ئانا ئىككىلىسىنىڭ بويى ئېگىز بولسا تۇغۇلغان بالىنىڭ بويىمۇ ئېگىز بولىدۇ.

    ئاتا – ئانىنىڭ بىرسى ئېگىز، بىرسى پاكار بولسا تۇغۇلغان بالىنىڭ بويىمۇ ئېگىز بولىدۇ.

    ئاتا – ئانىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ بويى پاكار بولسا، تۇغۇلغان بالىنىڭ بويىمۇ پاكار بولىدۇ.

    ياش دوستلار: ئۆمۈرلۈك يولداش تاللىغاندا بوينىڭ ئېگىز بولۇشىنى بىر شەرت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر بويى 1.8 مېتىر ئەتراپىدىكى بىر يېگىت پاكارراق بىرسى بىلەن توي قىلسا، كېيىن تۇغۇلغان بالىلىرىنىڭ بويىمۇ ئۆسۈپ ئېگىز بولىدۇ. پاكار بولۇپ قارارمىكىن دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئوخشاشلا بويى ئېگىز قىزلارغا نىسبەتەن ئەگەر يولدشىنىڭ بويى پاكاراق بولۇپ قالسا تۇغۇلغان بالىنىڭ بويى دادسىنىڭ بويىدىن ئېگىزرەك بولىدۇ. ئەگەر ئېگىز بويلۇقى ئېگىز بوي بىلەن، پاكار بويلۇقى پاكار بوي بىلەن تويلاشسا پۈتۈن مىللەتنىڭ بويىنىڭ ئېگىز ئۆسۈشىگە پايدىسىز. ئېگىز بويلۇقلار سەل پاكارلار بىلەن تويلاشسا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ بويىنىڭ ئېگىز ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

    ئېرىق ۋە ئىرسىيەت بوينىڭ ئېگىز-پاكار بۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۇغما خاراكتېرلىك ئامىل بولۇپ، بۇنى ھېچكىمۇ ئۆزى بەلگىلىيەلمەيدۇ. تۇغما خاراكتىرلىك بولمىغان (تۇغۇلغاندىن كېيىنكى) ئامىللارنى ھەر بىر ئاتا – ئانا ئۆزلىرى بىلىشلىرى، چۈشىنىشلىرى كېرەك. ئىلمى قانۇنىيەتلەر بىلەن بېقىلغان، تەربىيىلەنگەن بالىلار بىلەن، ئىلمى قانۇنىيەتلەر بىلەن بېقىلمىغان، تەرنىيلەنمىگەن بالىلارنىڭ بوينىڭ ئېگىزلىكى 10 نەچچە سانتىمېتر پەرىقلىنىدۇ. ئادەم بويىنىڭ ئېگىز ئۆسۈشى سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پۇت ( پاقالچاق) ئۇزۇن سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن بوي ئېگىزلىكىنىڭ مۇناسىۋىت ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇزۇن سۆڭەكلەر سۆڭەك غۇلى ۋە سۆڭەك ئېغىزى (سۆڭەك ئۆسۈش قىسمى) گە بۆلۈنىدۇ. سۆڭەك غۇلى سۆڭەكلىشىپ بولغان (سۆڭەككە ئايلانغان ) قاتتىق قىسمى بولۇپ، ئىككى بېشىنىڭ يوغىنغان قىسمى سۆڭەك ئىفىفىزى ئارىلىقىدىكى قىسمى، ئىفىفىز يۇمشاق سۆڭەك پىلاستىنكىسى (سۆڭەك تاختا) دەپ ئاتىلىدۇ. بالىلىق، ياشلىق مەزگىلىدە ئىفىفىز يۇمشاق سۆڭەك پىلاستىنكىسىنىڭ يۇمشاق سۆڭەك ھۈجەيرىلىرى ئۈزلۈكسز ئۆسۈپ، كالتسىي تۇزلىرى توختاۋىسىز چۆكۈپ ئوتۇرشۇپ سۆڭەكلىشىدۇ. ئىفىفىز يۇمشاق سۆڭەك پىلاستىنكىسىنىڭ سۆڭەكلىشىپ بولغان قىسمى يېڭى سۆڭەك غولىغا ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق سۆڭەك غۇلى ئۈزلۈكسىز ئۇزىراش ئارقىلىق ئادەمنىڭ بويى ئېگىزلىشدۇ. 20-25 ياشقا بارغاندا ئىفىفىز يۇمشاق سۆڭەك پىلاستنكىسىنىڭ ئۆسۈشى ئاندىن توختاپ پۇتۈنلەي سۆڭەكلىشىپ، سۆڭەك غۇلى بىلەن سۆڭەك ئىفىفىزى تۇتىشىپ بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ بويىمۇ قايتا ئۆسمەيدۇ.

    سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن تۇلۇق يېتەرلىك، مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇق كېرەك. ئادملەرنىڭ نورمال فىزىئولوگىيلىك پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ بولغان ئېنىرگىيە مىقدارى ئوزۇقلۇقلادىن كېلىدۇ. يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تۇلۇقلىنىىدۇ. بالىلار چوڭلار بىلەن ئوخشىمايدۇ. بالىلارنىڭ ھەرىكىتى كۆپ، سەرپ بولغان ئېنىرگىيە مىقدارى كۆپ بولۇشتىن تاشقىرى ئۆسۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بەدەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك ماتېرىيال-ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار زۆرۈر. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان تەلىۋى چوڭلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بالىىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئىچىدە ئاقسىل مول بولۇشى كېرەك. ئاقسىل بەدەننىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ‹‹قۇرۇلۇش ماتېرىيالى››. چوڭلار ئۈچۈن كۈنلۈكى 80 گرام ئاقسىل بولۇش لازىم بولسا. بالىلار ئۈچۈن 100 گرام ئاقسىل زۆرۈر بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئاقسىلنىڭ سانىغىلا كاپالەتلىك قىلىپ قالماستىن ئۇنىڭ سۈپىتىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ھايۋانات يېمەكلىكلىرىدىن تۇخۇم، گۆش، بېلىق، سۈت ۋە سۈتلۈك يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر ئامىنو كىسلاتالىرى بىر قەدەر تولۇق بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. بالىلارنىڭ يېمەكلىكى ئىچىدە مول كان ماددىلىرى، بولۇپمۇ كالتسىي بولۇشى كېرەك. مەكتەپكە بېرىشنىڭ ئالدىدىكى بالىلار.ئۈچۈن كۈنلۈكى 600 مىللىگرام، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 800 مىللىگرام، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 1200 مىللىگرام كالتسىي زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر يېمەكلىك ئوزۇقلۇقى ئىچىدە كالتسىي كەم بولۇپ تەلەپنى قاندۇرالمىسا، ئۇنداقتا بالىلار راخت كېسىلى بولىدۇ. ئوقۇش يېشىدىكى بالىنىڭ بويى ئۆسمەيدۇ. شۇڭلاشقا كىچىك بالىلارغا ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردىكى كالتسىي بىلەن بېلىق مېيىنى قوشۇپ بەرسە، بويىنىڭ ئېگىزرەك ئۆسۈشىگە پايدىسى بار. بالىلار بەدىنىنىڭ ئۆسۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، بالىلار چۇقۇم ياخشى ئۇزۇقلىنىش. قورسىقى تويۇش، تاماق تۈرلىرى ھەر خىل بولۇش لازىم. ئەتىگەنلىك تاماق بوينىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار ئەتىگەنلىك تاماققا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ياكى ئاددىيلا قۇرۇق نان چاي بېرىدۇ ياكى چايمۇ ئىچمەيلا سىرتلارغا، مەكتەپكە كېتىپ قالسا كارى بولمايدۇ. ئەتىگەندە ناھايىتى ئاز تاماق يېسە ئۇنداقتا ئەتىگەنلىك تاماق پۈتۈن كۈنلۈك ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىنى تەمىنلەش دېگەن تەلەپكە يېتەلمەيدۇ. بالا چۈش بولغاندا ئاندىن بىر قېتىم تويۇپ غىزالانسا بۇ ئەھۋال بالىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولىدۇ. ئەتىگىنى يېگەن تامىقىنىڭ بېرىدىغان ئىسىسقلىق مىقدارى يېتىشمىسە بالىنىڭ بەدىنىدە ‹‹قۇۋۋەت يېتىشمەسلىك›› پەيدا بولىدۇ. بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاقسىل ماددىسى نەتىجىدە بالىنىڭ مەكتەپتە ئىشلەتكەن مېڭىسى ۋە ھەرىكەت قىلغاندىكى ئېنىرگىيە سەرپىياتى ئۈچۈن سەرپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىۋەرسە بالىدا ئاقسىل يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىپ بالىنىڭ بويى ئۆسمەيدۇ.

    بالىنىڭ ھەرىكىتى ـ بوينىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككىنجى مۇھىم ئامىلدۇر. تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاۋنىڭ بويى ئومۇميۈزلۈك نىسبەتەن ئېگىز بولىدۇ. ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش جىنىستىكى ياش ئۆسمۈرلەر ئىچىدە تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ بويى داۋاملىق تەنتەربىيە چېنىقىشقا قاتنىشىدىغانلارنىڭ بويى 4-8 سانتىمېتىر ئېگىز بولىدۇ. مۇۋاپىق تەنتەربىيە پائالىيىتى پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ. نەتىجىدە ئىفىفىز يۇمشاق سۆڭەكلىرى يېتەرلىك قان، يېتەرلىك ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئىفىفىز يۇمشاق سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆسۈشى تېخىمۇ تېزلىشىپ، بالىنىڭ بويى تەبىئى ھالدا ئېگىزلەيدۇ. بالىنىڭ دائىملىق سىرتقى ھەرىكىتى، مەسىلەن: سەكرەپ ئويناش، يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، ئېگىزگە، يىراققا سەكرەش ۋە باشقا بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق. كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئويناش، بالىلار بوينىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ فىزىئولوگىيلىك تەلىۋى. شۇنداقلا بالىنىڭ بەدىنى نورمال، ساغرام، گۈزەل بولىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىللار بالىلار بوينىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ:

    1. بالىنىڭ روھىي ھالىتى بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى داۋاملىق تىللاپ، ھاقارەتلەپ، سوتلاپ-قورقىتىپ بېرىۋەرسە بالىنىڭ كۆڭلىدە يارا پەيدا قىلىپلا قالماستىن بەلكى بويىنىڭ ئۆسۈشىگىمۇ توسالغۇ بولىدۇ. بالىنىڭ روھىي، نېرۋا ھالىتى داۋاملىق جىددىي ۋە غەمكىن ھالدا بولىۋەرسە بەدىنىدىكى ئىچكى سىكرىتسىيە سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ناچار بولۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ.

    2. تاماكا چېكىشمۇ بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ تۇغقان بالىسى تاماكا چەكمەيدىغان ئانىلارنىڭ بالىسدىن كىچىك بولىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسى ئۆيدە تاماكا چېكىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بويىمۇ شۇنچە پاكار بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    3. بالىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ كەمپۈت، قەنت-شېكەر يېيىشىمۇ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاتلىق نەرسە، كەمپۈتلەرنى كۆپ يەۋەرسە بالىنىڭ ئىشتىيىگە تەسىر يېتىدۇ. بالا قورساق ئاچقانلىقىنى ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ-دە، تاماقنى ئاز يەيدۇ. تاتلىق نەرسىلەرنى كۆپ يەۋەرسە بەدەن نترال ياكى سۇس كىسلاتا خاراكتىرىگە ئۆزگىرىدۇ. بورمال سۇس ئىشقار خاراكتىرىگە ئىگە كالتسىي ماددىسىنىڭ بىر قىسمى سەرپ بولىدۇ. نەتىجىدە ئىفىفىز يۇمشاق سۆڭەك پىلاستىنكىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ۋە سۆڭەكلىشىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بالىلارغا كەمپۈتنى ئازراق بېرىش بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پايدىلىق.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号