تىراخوما كېسەل قوزغاتقۇچى تەنچىلىرى يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان سوزۇلما خاراكتىرلىك يۇقۇملۇق كۆز كېسەللىكى بولۇپ، يېنىكرەكلىرىدە كۆزدە ھېچقانداق روشەن ئارامەتلەر بولمايدۇ. تىراخوما ئېغىرراقلىرىدا كۆز ئاسانلا چارچايدۇ، چاپاقلىشىدۇ. چاپاق ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تىراخوما ۋىرۇسلىرى بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا باشقا نەرسىلەر ئۈستىگە تارقىلىدۇ. تىرخوما كېسەللىكى بارلار ئىشلەتكەن داس، لۆڭگە، قول ياغلىق قاتارلىقلار تىراخوما ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، باشقىلار شۇ نەرسىلەرنى ئىشلەتسە ياكى كۆزلىرىنى ئېرىتسا ياكى تىراخوما كېسەللىكى بارلار كۆزلىرىنى ئۇۋىلىغاندىن كېيىن تۇتقان نەرسىلەرنى باشقىلار تۇتسا بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
نورمال ساق كۆزنىڭ قاپىقىنى ئۆرۈپ قارىسا قاپاق ئىچى ناھايىتى سىلىق، يول-يول قان تومۇرلار ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. ئەگەر تىراخوما كېسىلى بولسا كۆز قاپىقى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان قۇمدەك غودۇر-بۈدۈرلەر بولىدۇ. قان تومۇرلار ئوچۇق بولمايدۇ. ئەگەر تىراخوما ئېغىرراق بولسا كۆز قارىسى ئەتراپىدىمۇ غودۇر-بۈدۈرلار بولىدۇ. ھەتتا تەتۈر كىرپىك پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئاخىرى كۆز مۈڭگۈز پەردىسى (كۆزنىڭ قارىسى) يارا بولۇپ، ھەتتا كۆرمەس بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. تىراخومانىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. قولىنى پات – پات يۇيۇش، تىرناقلىرىنى پات-پات ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىۋېتىش، كۆزنى قول بىلەن ئۇۋۇلىماسلىق لازىم.
2. تىراخوما كېسەللىكى بارلارنىڭ لۆڭگە، داس، قول ياغلىقلىرىنى ئىشلەتمەسلىك. بالىلار باغچىسى، يەسلىلەر، مەكتەپ قاتارلىق كوللېكتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئورۇنلار يۈز قوللىرىنى ئەڭ ياخشىسى ئېقىپ تۇرىدىغان سۇ (تۇرۇبا سۈيى) بىلەن يۇيۇشلىرى، ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس لۆڭگىنى پات-پات قاينىتىۋېتىپ كۈن نۇرىغا قاقلاپ قۇرۇتۇپ دېزىنغېكسىيە قىلىش لازىم.
3. مۇلاىمەت كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى كوللېكتىپ لۆڭگە،داسلارنى بىر ئادەم ئىشلىتپ بولغندىن كېيىن قاينىتىپ دېزىغېكسىيە قىلىۋېتىش لازىم.
4. بالىلار پاسكىنا، توختام سۇلارغا چۆشۈپ ئوينىماسلىق، كوللېكتىپ سۇ ئۈزۈش كۆللىرىدىكى سۇلارنى قارارلىق دېزىغېكسىيە قىلىش، كېسىلى بارلارنى سۇ ئۈزۈشكە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك. تىراخوما كېسەللىكى بارلار كۆز دورىلىرى، خىلورومىتسىن، ئاۋرېئومىسىن قاتارلىق كۆز دورىلىرىنى ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بەزىدە كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ ئوپراسىيە قىلدۇرۇپ قىردۇرۇۋەتسىمۇ بولىدۇ. سەۋرىچانلىق بىلەن داۋالاتسىلا تىراخوما چۇقۇم ساقىيىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号