بالىڭىزدىكى تېلىۋىزور كېسىلىگە دىققەت قىلىڭ
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 14:33 11-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 17413

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولۇشى ئاسانلا ‹‹تېلېۋىزور كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تېلېۋىزور بالىلارنىڭ كۆزى، قولى ۋە مېڭىسىنىڭ ماسلاشما ھەرىكىتىنى ئازايتىۋېتىدىكەن. ئېكراندىكى تېز سۈرئەتلىك كۆرۈنۈشلەر بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدىن ‹‹يالت›› قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئويلىنىشقا ئىمكانىيەت قالمايدىكەن. تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرگەندە بالىلاردا دىققىتىنى يىغالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ھۇرۇن، مۇستەقىل پىكىر قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدىكەن، بۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئۇسۇلىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزۈپ، چېكىنىش، قورقۇش، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتەك ناچار ئۆگىنىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ قويىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تېلېۋىزور يەنە بالىلارنىڭ دوستلىرى بىلەن بېرىش – كېلىش قىلىشىغا، ئاتا – ئانىلىرى بىلەن ئىدىيە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن، ئېغىر بولغاندا مەنمەنچىلىك، جىمغۇر، باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، قورقۇنچاق، باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك ماسلىشالماسلىق ۋە ھېسسىيات توسقۇنلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدىكەن.