زۇكام بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىرخىل كېسەللىك. بەزى بالىلار قايتا-قايتا زۇكام بولىدۇ. زۇكام بولغاندا بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قىسىملىرى ياللۇغلىنىدۇ. شۇڭا، زۇكام يۇقىرى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زۇكام كۆرۈنۈشتە ئاددىي كېسەلدەك بىلىنسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە يەتكۈزىدىغان تەسىرى چوڭ. بالىنىڭ يېشى قانچە كىچىك بولسا، زۇكام بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى، زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. يېشى چوڭراق بالىلار زۇكام بولسا كېسەللىك ئالامەتلىرى يەڭگىل، ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئاز بولىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، بالىلارنىڭ زۇكام بولۇشى تۆۋەندىكى بىرقانچە ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
1. زۇكامنىڭ %90 نى ۋىرۇسلار قوزغىتىدۇ. ۋىرۇسلار بىمار يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە چىققان چاچراندىلار ئارقىلىق ياكى بىۋاستە ئۇچرىشىشتىن باشقىلارغا يۇقىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەندە پەيدا بولىدىغان ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ ئىنتايىن قىسقا ھەم ۋاقىتلىق بولىدۇ.
2. بالىلارنىڭ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قىسمى، بۇرۇن قوشۇمچە كاۋىكى، كېكىردەك قاتارلىق ئەزالىرى ئاناتومىيە جەھەتتىن تولۇق تەرەققىي قىلىپ يېتىلمىگەن بولىدۇ، بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلاردا بۇخىل ئالاھىدىلىك تېخىمۇ روشەن بولۇپ، بۇ دەل كۆپ زۇكام بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى.
3. بالىلاردا نەپەس يوللىرى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن كېسەل قوزغاتقۇچى ۋىرۇسلارنى تازىلاپ چىقىرىش، يوقىتىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ، بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۆتىلىش رېفلېكسى تولۇق يېتىلمىگەن، نەپەس يوللىرىدىكى سىلىقلىغۇچى مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىش فۇنكىسىيىسى ناچار بولۇپ، نەپەس يوللىرىغا كىرگەن يات نەرسىلەرنى تازىلاپ چىقىرىش كۈچى تېخىمۇ ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا، كىچىك بالىلاردا زۇكام كۆپ كۆرۈلىدۇ.
4. ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچار بولۇشى، بەك ئىسسىق بېقىش، ئاپتاپسىنىش ئاز بولۇش، ئىسسىق-سوغۇققا كۆندۈرمەسلىك سەۋەبىدىن بەدەن ئاجىزلىشىپ، زۇكام قايتىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زىيادە سەزگۈرلۈك تىپىدىكى بالىلار، ھەزىم قىلىشى ناچار، راخت كېسەللىكى، قان ئازلىق، ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسىللىكى بار بالىلار ئاسان زۇكام بولىدۇ ھەم زۇكام قايتىلىنىدۇ. باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ ھاۋا كىلىماتى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان قىش، ئەتىياز پەسىللىرىدە زۇكامنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولىدۇ. زۇكام بولغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بەدەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن كېسەل قوزغاتقۇچىلارنىڭ خىللىرى، زەھىرى ھەم مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئورگانىزىمنىڭ كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ھەم ئەتراپتىكى مۇھىت ئامىلى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، بالىلار تۇرىدىغان ئۆينىڭ تار، نەم، زەي،، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بولۇشى ھەم ئىس، چاڭ-توزان، تاماكا ئىسى بىلەن بۇلغىنىشى قاتارلىقلار نەپەس يوللىرىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېسەل قوزغاتقۇچىلار ئۆسۈپ، كۆپىيىپ ئاسانلا زۇكام بولىدۇ. شۇڭا، ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号