تونۇش: بۇ بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش بولۇپ ، قۇلاقنى تۇتۇپ يىغلاش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بەزىلەردە قۇلاقتىن سۇ ئېقىش بىلەن قۇلاق ئاغرىش بىرگە كېلىدۇ. بەزىلەردە بىر قۇلاق بەزىلەردە ئىككى قۇلاق تەڭ ئاغرىيدۇ.
سەۋەبى: بالىلارغا ئاشقازاننى سۇسلاشتۇرغۇچى، سوغۇق يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىش سەۋەبىدىن مېڭە تومۇرلىرىغا بۇزۇق بەلغەملىك بوخارات ئۆرلەش بىلەن كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. مىڭىدە خام بەلغەم خىلىتنىڭ غالىب كېلىشى، سەرسام ئىششىقى، ماددىلىق، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئىششىق- قۇلاققا ھەرخىل سەۋەبتىن سۇ كىرىپ كېتىش سەۋەبىدىنمۇ مەزكۇر كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بالا قۇلاق ئاغرىشتىن شىكايەت قىلىدۇ ياكى قۇلىقىنى تۇتۇپ يىغلايدۇ. ھارارەت سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا قۇلاققا سوغۇق نەرسىلەرنى ياققاندا خوش ياقىدۇ. سوغۇقلۇق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا ئىسسىق ئۆتكۈزسە ئاغرىق پەسىيىدۇ. سەرسان تەسىرىدىن بولغان بولسا باش ۋە قۇلاق قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ. داۋاملىق قىزىيدۇ، قۇلاق ئەتراپى قىزىرىدۇ. تۇتقاندا قىزىق بىلىنىدۇ.
داۋالاش: ياللۇغ قايتۇرۇش ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号