ئەگەر بوۋاق قىزىپ قالغاندا، ئاتا _ ئانا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمىسە تۆۋەندىكى ۋاقتلىق بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى چۈشۈرۈش چارىلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ :
1. ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرىشى ، ئۆي تېمپىراتۇرىسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ساقلاش ،ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسىنى 25- 27 سېلتسىيە گرادوس ئەتراپىدا كونتىرول قىلسا بولىدۇ.
2. ئىلمان سۇدا پېشانە ياكى بويۇننىڭ يېنىنى، يىرىق، قولتۇق ئاستى قاتارلىق ئورۇنلارنى سۈرتۈپ بېرىش.
3. ئەگەر بوۋاقنىڭ پۇت-قولى ئىسسىق ھەم پۈتۈن بەدىنى تەرلىسە ، ئارتۇق كىيىملىرىنى سالدۇرىۋېتىپ ئىسسىقلىق تارقىتىش.
4. بوۋاققا كۆپرەك سۇ ئىچكۈزۈپ بەرسە ، سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
5. بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى 38.5 سېلتسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردا قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش ھەمدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号