بۇ بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىپ يىرىڭلاش ياكى سېرىق سۇ ئېقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: قۇلاق ئىچىدىكى ھەرخىل يارا، مېڭىدە ئارتۇق ھۆللۈك پەيدا بولۇش ياكى قۇلاق ئىچىدىكى زەخىملىنىش سەۋەبلىرىدىن ۋە بىر-بىرىگە يۇقۇشتىن يىرىڭلاش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىشتىن بۇرۇن قۇلاق ئىچىدە ئىششىق ياكى مۇدۇرلارنىڭ بارلىقى سېزىلىدۇ، قۇلاق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر كۆيگەن سەپرا ( قۇرۇق ئىسسىق) ماددىسى ئارىلاشقان بولسا يىرىڭ ئاققان ئورۇندا يارا پەيدا بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇپ، يىرىڭنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号