كۆك يۆتەل-بىرخىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئىككى ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆك يۆتەل قىش ۋە باھار پەسلىدە تارقاق پەيدا بولىدۇ، بالىلار كۆپ بولغان يەسلى، باغچا، مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا تېزلىكتە نۇرغۇن بالىلارغا يوقۇپ تارقىلىپ كېتىدۇ. كۆك يۆتەل بولغان بالا بىر قېتىم ئاغرىپ ساقايسا ئۆمرىدە ئاساسەن ئىككىنچى قېتىم قايتا ئاغرىمايدۇ.
سەۋەبى: كېسەللىك جاراسىمدىن پەيدا بولىدۇ، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتە بىمارنىڭ تۈكۈرۈكى، بەلغىمى قاتارلىقلاردىن جاراسىم تېپىلىدۇ. كېسەللىك يۇقۇشتىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: دەسلەپ زۇكامغا ئوخشاش سەل-پەل قىزىش، ئاغزى-بۇرنىدىن سۇ ئېقىش بىلەن باشلىنىپ، كېيىنچە ئۈزۈلمەي تېلىقىپ يۆتىلىپ، يۆتەلگەندىن كېيىن بېشى ئالدىغا ساڭگىلاپ چىكە تومۇرلىرى كۆپۈپ كېتىش، چىرايى ئاۋۋال قىزىرىپ، كېيىن كۆكۈرۈش، كۆپ مىقداردا شىلىمشىق بەلغەم تۈكۈرۈش، بەزىدە يۆتەل بىلەن يېگەن تاماقلارنىمۇ قۇسۇۋېتىش، كۈندۈزىگە نىسبەتەن كېچىسى كۆپرەك تۇتۇش، كۈچەپ نەپەس ئېلىش بىلەن خۇددى خوراز چىللىغاندەك بىر خىل ئالاھىدە تاۋۇش چىقىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش: كۆك يۆتەل ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن ئاغرىق بالىنى تىنچ، پاكىزە ھاۋالىق ئۆيدە ياتقۇزۇش، ئوڭاي سىڭىدىغان، قۇۋۋەت بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش، بالىنى ۋاراڭ-چۇرۇڭ، چاڭ-توزاڭ، ئىس-تۈتەكلەرنىڭ تەسىرىدىن، خاپىلىقتىن، ئاچچىقلىنىشتىن ساقلاش،، تېرىكتۈرمەسلىك، ئارتۇقچە ھاياجانلاندۇرماسلىق لازىم. شۇنداق قىلغاندا بالا قاتتىق يۆتەل تۇتۇش ۋە تېلىقىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.
دورا ئىشلىتىشتە بەلغەم بوشىتىدىغان، نەپەس يوللىرىدىكى تەشەننۇچنى بوشىتىدىغان، يۆتەلنى ئازايتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.
يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا:
1-رېتسىپ: سامساقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بەرگەندە مىكروپ يوقىتىدۇ.
2-رېتسىپ: كالىنىڭ ئۆتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قۇرۇتۇپ يۇمشاق سوقۇپ تەييارلاپ ھەركۈنى ئەتىگەن ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بېرىلسە سىلدىن بولغان يۆتەل ھەم كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3-رېتسىپ: ئالمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئازراق تۆشۈك ئېچىپ ئىچىگە ناۋات سېلىپ قاسقاندا پىشۇرۇپ يېگۈزۈپ بەرگەندە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4-رېتسىپ: سەۋزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىسسىق قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ كۈندە بىرنەچچە قېتىم ئىستېمال قىلىشقا بېرىلسە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5-رېتسىپ: كۆك يۆتەل بەك ئېغىر بولسا، كۆك كەپتەر بۆرىكىنىڭ ئىچىگە بىر گرام قىزىل سىر سېلىپ ئۇنى چېنىدە دۈملەپ پىشۇرۇپ، سۈيى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلدۇرۇلسا كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
6-رېتسىپ: توخۇنىڭ ئۆتىدىن 30 گرام، شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تۆتكە بۆلۈپ كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىككى كۈن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
7-رېتسىپ: تاتلىق بادام مېغىزىدىن بەش دانە، قارىمۇچتىن ئۈچ گرام، ناۋاتتىن ئۈچ گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، قايماققا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلدۇرۇپ بېرىلسە بەلغەم بوشىتىپ يۆتەل توختىتىدۇ.
8-رېتسىپ: ئەگەر كۆك يۆتەلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا نەزلە بىلەن تەڭ يەڭگىل قىزىتما بولۇپ قالسا گۈل بىنەبشىدىن ئىككى گرام، بېھى ئۇرۇقىدىن بىر گرام، گاۋزىباندىن ئىككى گرام ھەمشى باھار ئۇرۇقىدىن ئۈچ دانە، چىلاندىن بەش دانە، سەرپىستاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ 12 گرام شەربىتى بىنەبشە قوشۇپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچكۈزۈلسە قىزىتما پەسەيتىپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ. زۇكام ۋە نەزلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلاردىن: شەربىتى بىنەپشە، خېمىرى بىنەپشە، لوئوقى بادام، ھەببى سۇرفە، سوفۇپى سوئال، لوئوقى كەتان، كۆك يۆتەل لوئوقى، ھەببى سوئال 2 قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان، قۇۋۋەت بولىدىغان تاماقلارنى مەسىلەن: سۈت، توخۇ گۆشى، ئىللىتىلغان تۇخۇم قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك. ئاچچىق-چۈچۈك، سوغۇق، يىرىك، يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号