زەھەر ئىستېمال قىلىپ باقمىغانلار زەھەر ئىستېمال قىلىشنى سىناق قىلماسلىقى، زەھەرگە خۇمار بولغانلار زەھەرنى دەرھال تاشلىشى كېرەك. چۈنكى زەھەر ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى ئاسان يۇقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەر ئىستېمال قىلغۇچىلار زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلىغا ئاسان ئادەتلىنىپ قالىدۇ. ئاغرىقلار قان سالماقچى بولغاندا چوقۇم قاننىڭ كېلىش مەنبەسى بىخەتەر بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى، قان سالماقچى بولغان ئاغرىقنىڭ سۈرۈشتۈرۈشكە ئامالى بولمىسا، ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. چەت ئەلدىن خالىغانچە قان ئېلىپ كىرمەسلىك، ئىشلەتسىمۇ ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان قاننى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. مۇھىمى، قانۇنسىز يەر ئاستى قان ئېلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ قان ئالماسلىق كېرەك. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا پىلانلىق ئىممۇنىتېت ئوكۇلى ئۇرۇپ تۇرۇشنىڭ لازىملىقى، بىر قېتىمدا بىر ئوكۇل ئۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بۇ ئىشقا بالىلار باغچىسى، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالىلارغا ئوكۇل ئۇرغاندا بىر ئىشپىرسنى بىرقانچە بالىغا بىللە ئىشلىتىشتىن ئاگاھ بولۇش كېرەك .
دوختۇرخانا ياكى ئامبولاتۇرىيىلەردە چىشىنى تارتقۇزماقچى، ئېغىز بوشلۇقى كېسىلىنى داۋالاتماقچى، ئوكۇل سالدۇرماقچى، يىڭنە سانجىتىپ داۋالاتماقچى بولغانلار چوقۇم شۇ داۋالاش ئورنىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەن ياكى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى ئىگىلىشى، داۋالاش سايمانلىرىنى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلماي داۋالىماقچى ياكى تەكشۈرمەكچى بولسا (مەسىلەن: ئىچكى قىسىمنى تەكشۈرۈش ئەينىكى بىلەن) ئۇنى چوقۇم رەت قىلىشى كېرەك. دورا بىلەن كېسەلنى داۋالىغىلى بولسا ئوكۇل سالدۇرماسلىقى، ئوكۇلنى مۇسكۇلغا ياكى ۋېناغا سېلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك. دېزىنفېكسىيە قىلىشى ياخشى بولمىغان ساتىراشخانا، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىدا چاچ ئالدۇرماسلىق، ھۆسن تۈزەتمەسلىك كېرەك. چاچ ئېلىش، ھۆسن تۈزەش سايمانلىرى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان بولسا، خېرىدارلار ساقال – بۇرتىنى ئالدۇرۇش، قۇلاق تەشكۈزۈش، قاش چەكتۈرۈش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号