ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەلنى چېكىندۈرىدۇ. لېكىن ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم بەدىنى ئۆپكە يەللىكى، مېڭە پەردە يەللىكى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق پۇرسەتپەرەس كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. ئادەم بۇنداق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن، ئۇ ئادەمنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ئېرىشمە خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەملىك سىندروماغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆزى كېسەللىك ئەمەس، بەلكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان باشقا كېسەل ھالىتى ياكى كېسەلنىڭ يىغىندا ئالامىتى. ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلمەيدۇ، بەلكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ پەرقى شۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ئەمما كۆرۈنەرلىك ئالامەت تېخى كۆرۈلمىگەن، ئەيدىز كېسىلى، دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەيدىز ئاغرىقى ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، شۇنداقلا كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولغان، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچى، دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقى ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ، ھەر ئىككىسى يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە. ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا ئاللىقاچان كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلاردا كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، سىرتتىن قارىغاندا ساغلام كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئالامەتسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغاندىن باشقا، ئۆزىگە سېزىلىدىغان ئالامەتلەر ۋە مۇسبەت بەدەن بەلگىلىرى بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ، ئادەتتە يېرىم يىلدىن 12 يىلغىچە بولىدۇ، ئاز ساندىكىلەردە 20 يىلدىن ئاشىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن دەۋرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە يىل بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号