• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى
  • · ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى
  • · ئەيدىزنىڭ 4 قەدەم باسقۇچلىرى
  • · قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز يۇقىدۇ
  • · كۆپ جىنسىي ھەمراھى بولۇش
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (1)
  • · ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ئۈزۈۋېتىش
  • · ئەيدىز ۋىروسى
  • · جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (2)
  • · ئەيدىز
  • · ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (3)
  • · ئەيدىز توغرىسىدا (4)
  • · ئەيدىز ۋىروسىدىن بولغان تىبۇركىليۇز
  • · قىزىل لېنتا
  • · زەھەرلىك چېكىملىككە يېقىن يولىماڭ
  • · ئوخشاش جىنىسلىقلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە
  • · ئەيدىز يۇقۇش يوللىرى
  • · زەھەر ئىستىمالىدىكى خەتەرلىك قىلمىشلار
  • · بويىغا يەتكەن قىزلاردا ئەيدىز كېسىلى بىلەن
  • · مىتادون بىلەن زەھەر چەككەنلەرنى
  • · ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتىن ئالدىنى ئېلىش مۇھىم
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10 ساۋات
  • · ئەيدىز ۋىروسى بىلەن ئەيدىزنىڭ پەرقى
  • · ئەيدىزنىڭ كېلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولىدۇ
  • · سۈيۈشۈشتىن ئەيدىز يۇقامدۇ ؟
  • · ئەيدىزنىڭ قاندىن يۇقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
  • · پاشا نىمىشقا ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرالمايدۇ ؟
  • · ئەيدىز كېسىلىدە كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلەر
  • · ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرتۈش ئۇسۇللىرى
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى
  • · ئەيدىز قانداق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ
  • · ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى قانچىلىك بولىدۇ
  • · ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى مۇنداق بولىدۇ
  • · ئەيدىز كېسىلى ئاياللاردىن كۆپ يۇقىدىكەن
  • · ھەمجىنىسلىق كېسىلى ۋە ئەيدىز
  • · ئەيدىز ھەققىدە مەسلىھەت
  • · ئەيدىزنى يوشۇرۇش
  • · ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىن قانداق بۆسۈپ ئۆتىدۇ؟
  • · ئەيدىزدىن مۇنداقمۇ يۇقۇملىنىش بولىدۇ
  • ئەيدىزنىڭ 4 قەدەم باسقۇچلىرى
    مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىدىن يوللانغان ۋاقتى: 17:17 11-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 18947
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    ئەيدىز ۋىرۇسى  ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىشتىن باشلاپ، كېسەللىك قوزغالغۇچە بىر تولۇق تەبىئي جەريان بار بولۇپ، كىلىنىكىدا بۇ جەريان تۆت باسقۇچقا بۆلىنىدۇ: يەنى ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرى، يوشۇرۇن دەۋرى، ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك دەۋرى، تىپىك ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى. 

    ھەر بىر ئەيدىز بىمارىدا يۇقىرىقى تۆت باسقۇچنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىپادىلىنىپ چىقىشى ناتايىن، بىراق كلىنىكىدا ھەرقايسى ئوخشىمىغان كىسەللىك باسقۇچتىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . بۇ تۆت باسقۇچنىڭ ئوخشىمىغان كلىنكىلىق ئىپادىسى بولسا، بىر تەدرىجىي ھەم ئۈزلۈكسىز بولغان كېسەللىك تەرەققىيات جەريانىدۇر.

    1. ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرى

    كۆزنەك دەۋرىمۇ مۇشۇ باسقۇچنىڭ ئىچىدە بولىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئورگانىزملارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەزىبىر ئەكىس تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بىماردا قىزىش، تىرە تەمرەتكىسى <ئەسۋە> چىقىش، لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش ، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، كاناي ياللۇغى دىگەندەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. 

    بەزىلىرى ھەتتا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك باكتىريىسىز مېڭە پەردە ياللۇغى بولۇپ، باش ئاغرىش، نېرۋا خاراكتېرلىك ئالامەتلەر ۋە مىڭە پەردە ياللۇغ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . قاندا بولسا ئاق قان ھۈجەيرىسى نورمال ياكى لېمفا ھۈجەيرىلىرى ئازلاش، يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە كۆپىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ . 

    ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش دەۋرىدە كېسەللىك ئالامىتى نىسبەتەن يېنىك بولۇپ، ئاسان سەل قارىلىدۇ . 

    ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ 2- 6 ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتىن كېيىن، قاندىكى ئەيدىز ئانتېتلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كلىنىكىدا ئۇزۇن قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان، نىسبى ساغلام بولغان، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يوشۇرۇن دەۋرى باشلىنىدۇ.

    2. يوشۇرۇن دەۋرى

    يۇقۇملانغۇچىدا بەزىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ، ئەمما يوشۇرۇن مەزگىلى كېسەللىك تەرەققىياتى توختىغان مەزگىل ئەمەس ، بىخەتەر مەزگىلمۇ ئەمەس، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) داۋاملىق كۆپىيىدۇ ، كۈچلۈك بولغان بۇزغۇنچىلىق رولى بولىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىلى ئەيزىز ۋىروسى  ( HIV )  بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ، ئەيدىز كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكى كۆرۈلگىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. 

    ئەيدىز كېسەللىكنىڭ ئوتتۇرچە يوشۇرۇن مەزگىلى ھازىر چە 2-10 يىلغىچە دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى بالدۇر بايقاش ۋە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ.

    3. ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك مەزگىلى

    بۇ دەۋر يوشۇرۇن دەۋردىن كېيىنكى ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكلىرى كۆرۈلگەندىن باشلاپ تاكى كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ تىپىك ئەيدىز كېسەللىكىگە يەتكۈچىلىك بولغان مەزگىلىنى 

    كۆرسىتىدۇ . بۇ مەزگىلنىڭ يەنە نۇرغۇن ئاتىلىشى بار ، مەسىلەن : « ئەيدىز ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى»، «لېمفا تۈگۈنى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلىرى » ، «ئۈزلۈكسىز ئومۇميۈزلۈك لېمفا تۈگۈن كېسەللىكى» قاتارلىقلار. 

    بۇ مەزگىلدە ، بىمار ئاللىقاچان ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئالاھىدىلىكىنى يەنى ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلىكىنى، ئۆزىدە ھازىرلىغان بولىدۇ . پەقەت كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك بولىدۇ خالاس .

    ئاساسلىق بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرى:

    ( 1 ) لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىپ يوغىناش. 

    بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى، ئاساسلىقى بەدەننىڭ يۈزە ( تېيىز ) قىسىملىرىدىكى لېمفا تۈگۈنلىرى ئىششىيدۇ. بەدەننىڭ باش بويۇن قىسمى ، قولتۇق ، قورساق يىرىق قىسمى ، بويۇننىڭ كەينى قۇلاق ئالدى - كەينى ، يوتا لېمفا تۈگۈنى ، ئېڭەك ئاستى لېمفا تۈگۈنى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئاز دېگەندە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇندا ، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە ئورۇندا بولىدۇ. ئىششىغان لېمفا تۈگۈنىگە ئادەتتىكى داۋالاشلار كار قىلمايدۇ ، كۆپ ھاللاردا بۇ خىل ئىششىش يېرىم يىلدىن ئوشۇق داۋاملىشىدۇ . كلىنىكىدا تەخمىنەن%30 بىماردا پەقەتلا بەدەن يۈزە لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ئالامىتىلا بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەت بولمايدۇ .

    ( 2 ) پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك ئالامىتى

    بىماردا كۆپ ھاللاردا ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ . 

    تەخمىنەن %50 بىماردا چارچاش ، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە دەۋرىيلىك ھالدا تۆۋەن قىزىتىش بولۇپ ، نەچچە ئاي داۋاملىشىدۇ ، كېچىسى سوغۇق تەرلەش قېتىم سانى بىر ئاي ئىچىدە 5 قېتىمدىن كۆپ بولىدۇ ، تەخمىنەن 1/3 قىسىم بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا % 10تىن يۇقىرى چۈشۈش بولىدۇ، بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈشنى ئاددىي ھالدا قىزىشتىن كېلىپ چىققان دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ ، يېتەرلىك ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن تەمىنلىگەندىمۇ بۇ خىل بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈشنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ . بەزى بىمارلارنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ ، خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. بەزىلىرىدە سەزگۈ نېرۋىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىدا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋىرۇسنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن..

    ( 3 ) ھەرخىل يۇقۇملىنىشلار

    بىماردا دائىم ھەرخىل ئالاھىدە ياكى قايتا قوزغىلىدىغان ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ . قايتا -قايتا يۇقۇملىنىش كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ، تىپىك بولغان ئەيدىز كېسەللىك باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ . تەخمىنەن يېرىم ساندىكى بىماردا بىرقەدەر ئېغىر بولغان پۇت تەمرەتكىسى بولىدۇ، كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپتە كۆرۈلۈپ ، قىسمەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرەرلىك بولمايدۇ . بىمارنىڭ قولتۇق ۋە پۇت يىرىق قىسمىدا دائىم ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ ،چوڭ قاپارتمىلىق يىرىڭلىق قاپارتما پەيدا بولىدۇ . بىمارنىڭ مەقئەت ئەتراپى،  كۆپىيىش ئەزالىرى ، ئېغىرلىق كۆتىرىدىغان قايلىرى، ئېغىز شىللىق پەردىسىدە دائىم ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ۋە ئادەتتىكى سۆگەل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ . ئېغىز -لەۋ ئەتراپى قاپارتمىسى ۋە كۆكرەك بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ يۈز بېرىشىمۇ نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك كۆپ بولىدۇ . ئېغىز بوشلۇقى ئالىبانىس زەمبۇرۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى  ئېغىز شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش، قان تولۇش ، پىشلاقسىمان قاپلىما ماددا قاتارلىقلار بولىدۇ. 

    بۇندىن باشقا كۆپ ئۇچرايدىغان يۇقۇملىنىشلاردىن يەنە زەنجىرىسمان بولمىغان شارچە باكتىرىيىلىك كاناي ياللۇغى ، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغى ۋە ئۈچەي يوللىرى پارازىت قۇرتلىرىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارمۇ بار . 

    كۆپ ساندىكى بىمالارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ ، سۇيۇق ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بىللە كېلىدۇ. بۇ تۈز ئۈچەي ياللۇغى ۋە باشقا كۆپ خىل مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۈچەيگە بۇزغۇنچىلىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن ، بۇندىن باشقا يەنە ئېغىز بوشلىقىدا مويسىمان ئاق داغ كۆرىلىدۇ ، مويسىمان ئاق داغ بولسا ، ئەيدىز كېسەللىكىگە بالدۇر دىئاگنوز قويۇشنىڭ مۇھىم يىپ ئۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    4. تىپىك بولغان ئەيدىز كېسەللىك دەۋرى

    بەزى ئالىملار بۇ باسقۇچنى ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باسقۇچ دەپ ئاتىشىدۇ . يەنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ دەۋر ئۈچ ئاساسى ئالاھىدىلىككە ئىگە: 

    ئېغىر بولغان ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلىكى ، ھەرخىل ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىمكانلىق يۇقۇملىنىش. 

    ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇش. ئەيدىزنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىش، بىماردا ھەرخىل ئېغىر تىپتىكى ئۇنۋېرسال كېسەللىكلەر يۈز بېرىپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.

    ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ دىئاگنوزنى بېكىتىشتە يالغۇز كېسەللىكنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرىگىلا قاراشقا بولمايدۇ ، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى بىمارنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى <مۇسبەت> مۇ ئەمەس شۇنىڭغا قاراش كېرەك، شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى  ( HIV ) بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانغان ھامان، ۋاقتىدا شۇ يەردىكى سەھىيە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا بېرىپ  ئەيدىز  ( HIV ) ۋىرۇسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش تۈرى بويىچە تەكشۈرۈتىش كېرەك . ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرمەسلىك لازىم.

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号