راك كېسىلى دۇنيا بويىچە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇنى ئاساسەن تۆت خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ: راك ئۆسمىسى، تېرە شىللىق پەردە، بەز ۋە باشقا ئەزالارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ قان راكى، يەنە قان جەھەتتىكى راك كېسىلىدىن ئىبارەت؛ ساركوما، ئۇ مۇسكۇل، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ۋە سۆڭەككە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ لىمفا ئۆسمىسى، ئۇ لىمفا سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، پەيدا بولۇش سەۋەبىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى مۇھىت ۋە يېمەك-ئىچمەك ئامىلىنىڭ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشدىن پەيدا بولىدۇ. يەنە بېسىمنىڭ بەك چوڭ بولۇشى ۋە سېمىزلىك سەۋەبىدىن پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن، دائىم تەركىبىدە تۇيۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە خولېسترول مىقدارى زىيادە كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسىمۇ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم، چۈنكى تالالار ئۈچۈي يولىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پايدىلىق ماددىلار شەكىللىنىشىنى غىدىقلاپ، سۈت بېزى راكى، چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، ۋىتامىن ئىستېمال قىلىپ راكقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئالدى، ئامېرىكا راك كېسىلى تەتقىقات جەمئىيىتى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە %43 ئادەمنىڭ كۆپ خىل ۋىتامىن ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 55-65 ياش كىشىلەر توپىدا، %24 ئادەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى؛ 95-65 ياشتىن ئاشقانلار توپىدا، %54 ئادەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.
ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، كۆپ ساندىكى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئىكەن. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋىتامىننى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، راك كېسىلى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ھەممىدىن كۆرۈنەرلىكى ۋىتامىن C، ۋىتامىن A، ۋىتامىن E، ۋە B گۇرۇپپىدىكى بەزى ۋىتامىنلاردىن ئىبارەت. ۋىتامىن A ياكى كاروتىن ئۆپكە راكى، دوۋساق راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە كېكىردەك راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ۋىتامىن C ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە سۇيۇق سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، يېمەكلىك تالالىرىنى يېتەرلىك قوبۇل قىلىشقا دىققەت قىلىش، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك لازىم. ئىسلانغان ۋە تۇزغا چىلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ناترىي نىترات ۋە ناترىي نىترىت بولىدۇ، تۇز تۈرىدىكى بۇ ماددىلار ئاشقازان راكى ۋە ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئەمگەك قىلىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم. مۇۋاپىق ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىش، خۇشال روھىي كەيپىياتنى ساقلاش ھەمدە قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار
كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، ۋىتامىن B، كالتسىي، مولىبدېن، سېلېن، خروم.
كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر
تاتلىقياڭيۇ راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، يېشىل چاي، دادۇر، سەۋزە، سامساق، باش پىياز، شوخلا، ئالما، ئاپېلسىن، سۇلۇ ۋە كاللەكبەسەي، بەسەي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى راكقا قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىكلەردۇر.
بۆلجۈرگەن، ئالۇچا (ئەينۇلا)، ئۈزۈم، كىشمىش، گىلاس قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە زەھەرنى چىقىرىپ تاشلايدىغان ماددىلار مول بولۇپ، قاندىكى راك ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىدىغان ماددىلارنى تورمۇزلايدۇ ۋە يوقىتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号