مىنېرال ماددا يودنىڭ ئارخىپى
ئېلېمېنت بەلگىسى: I
تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: يود ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مىكرو ئېلېمېنت بولۇپ، ئۇ قالقانسىمان بەز ھورمۇنى (تىروكسېن) نىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىگە قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولىمۇ قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.
ئاساسلىق رولى
ھۈجەيرىنىڭ ئوكسىدلاش رولىنى تەڭشەپ، قالقانسىمان بەزنى قوغدايدۇ. باشقا نۇرغۇن مىنېرال ماددىلارغا ئوخشىمايدىغىنى، يود مەلۇم بىرخىل كونكرېت كېسەلنى داۋالاشقا ياردەم بەرمەيدۇ، ئەمما ئۇ ھەقىقەتەن قالقانسىمان بەزنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
ھامىلىدار ئاياللار يېتەرلىك يود قوبۇل قىلسا، ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپىيىش، نېرۋا ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تىرناق ۋە چاچنىڭ ئۆسۈشىگە، شۇنىڭدەك بەدەندىكى ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ ئوكسىگېندىن پايدىلىنىشىغا پايدىلىق.
ئاقسىل، ماينىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
يود قالقانسىمان بەز ھورمونىنى بىرىكتۈرىدىغان ئاساسلىق تەركىب، نورمال ئادەم يود يېتىشمىگەندە قالقانسىمان بەز ئىششىقى (پوقاق) كېسىلىگە دۇچار بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللاردا ئېغىر دەرىجىدە يود يېتىشمىگەندە، ئاساسىي ماددا ئالمىشىش تۆۋەنلەپ، مۇسكۇللىرى بوشاپ، كۈچسىز بولۇش، ھامىلىنىڭ سۆڭىكىدا يەنە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
يېتىلىۋاتقان بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر: يود ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تەڭشەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئكسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر يېتەرلىك يود تولۇقلىشى زۆرۈر.
تۇپراق تەركىبىدە يود مىقدارى تۆۋەنرەك رايونلاردىكى ئاھالىلار:
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە دېڭىز يۈسۈنى يېمەيدىغانلار:
يود يېتىشمەسلىكتىن بولغان قالقانسىمان بەز ئىششىقىغا گىرىپتار بولغانلار:
ھامىلىدار ئاياللار:
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى
يودنىڭ ئەڭ مول مەنبەسى يود قوشۇلغان ئاش تۇزىدىن ئىبارەت. يودنىڭ تۇزلۇق سۇ بېلىقلىرى ھەمدە دېڭىز جانلىقلىرى ۋە دېڭىز جانلىقلىرى ۋە دېڭىز ئۆسۈملۈكلىرى تەركىبىدىكى مىقدارىمۇ ئىنتايىن مول. دېڭىزغا يېقىن رايونلارنىڭ تۇپرىقى تەركىبىدىمۇ بىر قەدەر كۆپ يود بولىدۇ، ئۇ رايونلاردا بېقىلغان كالىلاردىن سېغىۋېلىنغان سۈت تەركىبىدىمۇ نۇرغۇن يود بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، تەركىبىدىكى يود مىقدارى يۇقىرى تۇپراقتا ئۆسكەن مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىمۇ يود بولىدۇ.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
يودنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، قالقانسىمان بەزنىڭ يودتىن پايدىلىنىشىغا كاشىلا قىلىپ، قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشى نورمالسىز بولۇشنى ۋە باشقا قالقانسىمان بەزگە ئالاقىدار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئىچىدىغان سۇ ۋە يېمەكلىك تەركىبىدە يود ئاز بولغان رايونلاردا تەدبىر قوللىنىپ يود تولۇقلاش لازىم، مەسىلەن، يود قوشۇلغان تۇزنى ئىستېمال قىلىش.
كاللەكبەسەي تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى خام يېيىش زىيادە كۆپ بولسا، ئاسانلا يود يېتىشمەسلىك كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
بەزى دورىلار، مەسىلەن، تەركىبىدە سىماب بار دورا سىر سۇرۇخنى ئىستېمال قىلغاندا، يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك، بولمىسا ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
يېمەكلىك زىيادە پىششىقلانغاندا يود بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا تاماق تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئىمكانقەدەر ئاددىيلاشتۇرۇش ھەمدە تەبىئىي ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش لازىم.
كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار (مەسىلەن، چېچەكسەي، كاللەكبەسەي، ئاق تۇرۇپ قاتارلىقلار) ئادەم بەدىنىنىڭ يودتىن پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇڭا بۇلارنى ئىستېمال قىلىشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号