• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · نىكېلنىڭ رولى
  • · فتورنىڭ رولى
  • · بورنىڭ رولى
  • · كرېمنىي رولى
  • · قايسى خىل يېمەكلىكلەردە ئاقسىل ئەڭ كۆپ بولىدۇ؟
  • · ۋىتامىن C ئىچىملىكىنى كۈندە بىر بوتۇلكىدىن ئارتۇق ئىچمەڭ
  • · بىئوتىننىڭ رولى
  • · يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ رولى
  • · مېنىرال ماددىلارنىڭ رولى
  • · نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ رولى
  • · ۋىتامىننىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى
  • · ۋىتامىن بىلەن مىنىرال ماددىنىڭ پەرقى
  • · ۋىتامىننى زىيادە كۆپ مىقداردا تولۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس
  • · ۋىتامىن A نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى
  • · ۋىتامىن D نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن E نىڭ رولى
  • · ۋىتامىنلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ
  • · ۋىتامىن K نىڭ رولى
  • · مېنىرال ماددا دېگەن نىمە ؟
  • · سىنىكنىڭ رولى
  • · ۋىتامىن B1 نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن B2 نىڭ رولى
  • · تۆمۈرنىڭ رولى
  • · ۋىتامىن B6 نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن B12 نىڭ رولى
  • · يودنىڭ رولى
  • · خولىننىڭ رولى
  • · راك كېسىلى
  • · پانتوتېنىك كىسلاتاسىنىڭ رولى
  • · ئىنوزىتولنىڭ رولى
  • · ئۆزىدە قانداق ۋىتامىننىڭ كەملىكىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلى
  • · زۆرۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ رولى
  • · كالتسىينىڭ رولى
  • · ۋىتامىن C نىڭ رولى
  • · قايسى خىل ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟
  • · فوسفورنىڭ رولى
  • · كالىتسى كەمچىل بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى
  • · ۋىتامىن B13 نىڭ رولى
  • · ماگنىينىڭ رولى
  • · كالىتسىي يېتىشمەسلىكنىڭ ھەرخىل ئىپادىسى
  • · ۋىتامىن F نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن T نىڭ رولى
  • · ناترىينىڭ رولى
  • · كالىينىڭ رولى
  • · ۋىتامىن U نىڭ رولى
  • · ئادەم بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى كەملىكنىڭ ئالامەتلىرى
  • · خلورنىڭ رولى
  • · ۋىتامىن P نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن E نىڭ يېڭى ئىشلىتىلىش يولى
  • ۋىتامىن B12 نىڭ رولى
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 20:32 11-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 16973
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    باشقىچە ئاتىلىشى: كوبالامىن

    تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.

    قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:  ۋىتامىن B12 تەركىبىدە مېتال ئېلېمېنت كوبالت بولغاچقا، قىزىل رەڭدە بولىدۇ، شۇڭا ئۇ يەنە قىزىل ۋىتامىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋىتامىن B12 ئاز ساندىكى ئالاھىدە رەڭلىك ۋىتامىنلارنىڭ بىرىدۇر. 

    ئادەم بەدىنىدە ئاقسىلنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى، ياغ ۋە شېكەرنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم خام ئەشيادۇر. ئۇنىڭ ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن بىۋاسىتە شۈمۈرۈلۈشى ئىنتايىن قىيىن، كالتسىي بىلەن بىرلەشكەندىلا، ئاندىن ئادەم ئورگانىزمىنىڭ پائالىيىتىگە پايدىلىق بولىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردە مەۋجۇت.

    ئاساسلىق رولى

    يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، تەركىبىدە ۋىتامىن B12 بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ياكى ۋىتامىن 12B ياسالمىلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرگەندە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 

    ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور تېيىس، قېنى تەركىبىدىكى سىستېئىن مىقدارى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى چوڭراق بولىدۇ دەيدۇ. ئەگەر بىمارغا بىرلا ۋاقىتتا يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن ۋىتامىن B12 ئىستېمال قىلدۇرۇلسا، ئۇنىڭ قېنى تەركىبىدىكى ىسستېئىن سەۋىيىسى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

    ۋاقىت پەرقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. 

    دائىم چەت ئەلگە چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋاقىت پەرقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرى بولىدۇ. مەسىلەن، دائىم ئاڭلايدىغىنىمىز ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر تېننىس توپ ئويناش دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قىلسا ۋاقىت پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار ئەھۋاللارنى تۈگەتكىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ۋاقىت پەرقى مەسىلىسىنى ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ تۈگەتمەكچى بولغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئىشتىن بۇرۇن ئازراق ۋىتامىن B12 ئىستېمال قىلىش لازىم. 

    چەت ئەلگە سەپەر قىلغاندا ۋاقىت پەرقى كېلىپ چىقىشتىكى سەۋەب، بەدىنىمىزدىكى بىئولوگىيىلىك سائەت بىلەن بىز يېتىپ بارغان جايدىكى تۇرمۇشتا قوللىنىلىدىغان ۋاقىت ئوتتۇرسىدا پەرق كېلىپ چىققانلىقىدىن ئىبارەت. شۇڭا، ۋىتامىن B12 ئىستېمال قىلىپ بەدىنىمىزدىكى بىئولوگىيىلىك سائەتنى ئۆزىمىز يېتىپ بارغان جايدىكى تۇرمۇشتا قوللىنىلىدىغان ۋاقىتقا توغرىلىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ. بۇ چاغدا، تەركىبىدە ۋىتامىن B2، ۋىتامىن 6 B، ۋىتامىن B12 قاتارلىقلار بولغان بىرىكمە ۋىتامىن ياسالمىلىرىدىن پايدىلانسا، ئىنتايىن قۇلايلىق بولىدۇ.

    يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.

    يەللىك بوغۇم ئاغرىقى يېمەكلىك تەركىبىدىكى پۇرىن تەنچىسى، شۇنىڭدەك بەدەندىكى يادرو كىسلاتاسىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان پۇرىن تەنچىسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىتالىيە مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتكەندىن باشقا، يەنە ۋىتامىن B12 بىلەن يوپۇرماق كىسلاتاسىنى بىللە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ۋاستىلىك ھالدا داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ. 

    چۈنكى يوپۇرماق كىسلاتاسى (ۋىتامىن M) يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇرىن تەنچىسىنى ئازايتىدۇ، قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى قويۇقلۇقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ۋىتامىن B12 بولسا يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ رولىنىڭ ئوڭۇشلۇق جارى قىلدۇرۇلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ تەكرار پايدىلىنىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

    يۇلۇننى، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى قوغدايدۇ.

    ۋىتامىن B12 قىزىل رەڭلىك كرىستال بولۇپ، ئۇ يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن بىللە يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇلۇن، ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى قوغدايدۇ.

    بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 

    ۋىتامىن B12 ئامىنو كىسلاتانىڭ، بولۇپۇ مېتئونىن ۋە گلۇتامىك كىسلاتانىڭ بىئولوگىيىلىك بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرخىل ئاقسىللارنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىگە قارىتا مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋىتامىن B12 كەم بولسا بولمايدۇ.

    قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قايتىدىن ئاكتىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

    قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ. 

    ۋىتامىن B12 يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىقغان قان ئازلىق كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، چاچ شالاڭلىشىپ سارغىيىش، باش قېيىش، روھسىزلىنىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، كۆز ۋە تېرە سارغىيىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئېغىر بولغاندا يەنە جىگەرنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىپ، ئورگانىزمنىڭ قان ئىشلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ھەتتا ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، بەزىدە بەدەننىڭ ئوخاش بولمىغان ئورۇنلىرى تۇرۇپ تۇرۇپ ئاغرىش، پۇت-قول بارماقلىرى سىرقىتاپ ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. 

    ئادەتتە، ۋىتامىن B12 يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن بىللە قان ھاسىل قىلغۇچى ۋىتامىن دەپ ئاتىلىدۇ. 

    ناۋادا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېلىپ چىقسا، جىددىيلەشمەي، يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن ۋىتامىن B12 نى بىللە ئىستېمال قىلىش لازىم. 

    ۋىتامىن B12  كەم بولغاندا نېرۋا سىستېمىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ. جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر يېتىدۇ.

    تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

    ياشانغانلار: ياشانغانلارنىڭ ۋىتامىن B12 نى قوبۇل قىلىپ پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقتىن، ئاسانلا ۋىتامىن B12 يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇلار كۈنىگە 100 مىللىگرام ۋىتامىن B12 نى ئوكۇل قىلغۇزسا تولۇقلىغىلى بولىدۇ. 

    نوقۇل گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار: ۋىتامىن B12 نىڭ مەنىسى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقتىن، گۆشسىز تاماق يەيدىغانلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى بىر قەدەر قىيىن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا تۇخۇم، سۈت ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىمىز. 

    تاماكا چېكىدىغانلار، ھامىلىدىارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىۋاتقان ئاياللار، دائىم ھاراق ئىچىدىغانلار، ئاشقازىنىنى ئېلىۋېتىلگەنلەر، ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر، ئاياللار ھەيز كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، يامان خاراكتېرلىك قان ئازلىققا گىرىپتار بولغانلار قاتارلىق كىشىلەر ۋىتامىن B12 نى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

    يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

    يېمەكلىك تەركىبىدىكى ۋىتامىن B12 ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ، ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئاساسەن ۋىتامىن B12 بولمايدۇ. ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B12نىڭ بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ھايۋانلار ۋىتامىن B12 نى بىرىكتۈرەلەيدىغان باكتېرىيىلەرنى يەيدۇ، ھايۋانلارنىڭ ئۈچىيىدە، بۇ باكتېرىيىلەر كۆپ مىقداردا ۋىتامىن B12 نى بىرىكتۈرىدۇ ھەمدە تېنىدە ساقلايدۇ.

    مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

    ۋىتامىن B12 نىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە يوپۇرماق كىسلاتاسى يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    زىققە، ھۆل تەمرەتكە، يۈزى ئىششىش، جۇغۇلداش قاتارلىق سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيىسى كۆرۈلىدۇ. 

    يۈرەك ئالدى رايونى ئاغرىش، يۈرەك سىقىلىش يبز بېرىپ، يۈرەك سانجىقىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى قوزغىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. 

    ۋىتامىن B12 سوزۇلما چارچاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلگەندە، ئەگەر مىقدارى ئېشىپ كەتسە ئادەمنى زىيادە روھلاندۇرۇپ ئۇخلىيالماس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号