• خانىم—قىزلار كۆزەينەك
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · نىكېلنىڭ رولى
  • · فتورنىڭ رولى
  • · بورنىڭ رولى
  • · كرېمنىي رولى
  • · قايسى خىل يېمەكلىكلەردە ئاقسىل ئەڭ كۆپ بولىدۇ؟
  • · ۋىتامىن C ئىچىملىكىنى كۈندە بىر بوتۇلكىدىن ئارتۇق ئىچمەڭ
  • · بىئوتىننىڭ رولى
  • · يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ رولى
  • · مېنىرال ماددىلارنىڭ رولى
  • · نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ رولى
  • · ۋىتامىننىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى
  • · ۋىتامىن بىلەن مىنىرال ماددىنىڭ پەرقى
  • · ۋىتامىننى زىيادە كۆپ مىقداردا تولۇقلاش مۇۋاپىق ئەمەس
  • · ۋىتامىن A نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن ئىستېمال قىلىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى
  • · ۋىتامىن D نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن E نىڭ رولى
  • · ۋىتامىنلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىڭ
  • · ۋىتامىن K نىڭ رولى
  • · مېنىرال ماددا دېگەن نىمە ؟
  • · سىنىكنىڭ رولى
  • · ۋىتامىن B1 نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن B2 نىڭ رولى
  • · تۆمۈرنىڭ رولى
  • · ۋىتامىن B6 نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن B12 نىڭ رولى
  • · يودنىڭ رولى
  • · خولىننىڭ رولى
  • · راك كېسىلى
  • · پانتوتېنىك كىسلاتاسىنىڭ رولى
  • · ئىنوزىتولنىڭ رولى
  • · ئۆزىدە قانداق ۋىتامىننىڭ كەملىكىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلى
  • · زۆرۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ رولى
  • · كالتسىينىڭ رولى
  • · ۋىتامىن C نىڭ رولى
  • · قايسى خىل ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟
  • · فوسفورنىڭ رولى
  • · كالىتسى كەمچىل بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى
  • · ۋىتامىن B13 نىڭ رولى
  • · ماگنىينىڭ رولى
  • · كالىتسىي يېتىشمەسلىكنىڭ ھەرخىل ئىپادىسى
  • · ۋىتامىن F نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن T نىڭ رولى
  • · ناترىينىڭ رولى
  • · كالىينىڭ رولى
  • · ۋىتامىن U نىڭ رولى
  • · ئادەم بەدىنىدە تۆمۈر ماددىسى كەملىكنىڭ ئالامەتلىرى
  • · خلورنىڭ رولى
  • · ۋىتامىن P نىڭ رولى
  • · ۋىتامىن E نىڭ يېڭى ئىشلىتىلىش يولى
  • ۋىتامىن B1 نىڭ رولى
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 20:35 11-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 17128
    مەھسۇلات ئېلان ئورنى

    ۋىتامىن B1 نىڭ ئارخىپى:

    باشقىچە ئاتىلىشى: تىئامىن، نېرۋا ياللۇغىغا قارشى ۋىتامىن. 

    تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن. 

    قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن B1 بولسا كاربوكسىلسىزلاندۇرغۇچى كوئېنزىمنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، خولنېستېرازانىڭ ئاكتىپچىلىقىنى تورمۇزلايدۇ. ئاشقازان- ئۈچەي يولىنىڭ نورمال بولۇشى ۋە ھەزىم قىلىش بېزىنىڭ ئاجرالما ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ساقلاشتا ۋىتامىن B1  نېرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىدا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. 

    ئاساسلىق رولى:

    بېرىبېرى كېسىلىنى داۋالايدۇ. 

    بېرىبېرى كېسىلى ئادەتتىكى مەنىدە ئېيتىلغان پۇت شەلۋەرەش، پۇت سېسىق پۇراش (زەمبۇرۇغ تەرىپىدىن بۇلغىنىش) ئالامىتى بولماستىن، بەلكى فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىرخىل ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىك كېسىلىدىن ئىبارەت.كىشىلەر بېرىبېرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، پۇت تېلىپ ئاغرىش، يۈرەك سىقىلىش، نەپەسلىنىشى قىيىنلىيشىش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا بىمارلارنىڭ ئۆتكۈر يۈرەك زەئىپلىشىش تۈپەيلىدىن ئكلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. 

    بېرىبېرى كېسىلىنىڭ بوۋاقلاردىكى بېرىبېريى كېسىلى، قۇرۇق بېرىبېرى كېسىلى ۋە ھۆل بېرىبېرى كېسىلى، ئارىلاش بېرىبېرى كېسىلى قاتارلىق خىللىرى بار. ئۈنۈملۈك ھالدا ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تەركىبىدە ۋىتامىن B1  مول ماددىلار ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك يېمەكلىك يېڭى كۆممىنقۇناق، پۇرچاق، گۆش ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. نوقۇل ھالدا ۋىتامىن B1  ياسالمىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ تولۇقلاشتا، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش بولمىغان مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش لازىم. 

    مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. 

    ۋىتامىن B1  مېڭە، نېرۋىلارنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ناھايىتى  مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ۋىتامىن B1  نى مېڭىنىڭ ۋىتامىنى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ياخشى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى قوغداش، مېڭىنىڭ چارچىشىنى يەڭگىللىتىشكە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر. 

    ۋىتامىن B1  يېتىشمىسە باشقا بىرخىل مېڭە كېسەللىكى-ۋېرنىك مېڭە كېسىلى (ئۆتكۈر قاناشلىق مېڭە سۇر ماددا ياللۇغى-تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشىنى پەسەيتىدۇ. 

    مۇسكۇل ئاغرىشنىڭ دائىم ئۇچرايدىغىنىدىن فىزىئولوگىيىلىك ئاغرىش، ھەرىكەتتىن كېيىن مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشى ۋە مۇسكۇللارنىڭ نېرۋاياللۇغىدىن ئاغرىشىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلى بار. 

    ۋىتامىن B1  چارچاشقا قارشى تۇرۇپ، بەدەن كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. 

    ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

    ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى:

    ۋىتامىن B1  يىنىك دەرىجىدە يېتىشمىسە كۆپ قوزغىلىدىغان نېرۋا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، غەمكىنلىك، تىت-تىت بولۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

    سوزۇلما ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ باشقا يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلالماس بولۇپ قالغاندىمۇ ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىك يۈز بېرىدۇ ۋە بۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىپادىسى نېرۋا ئۇچلىرى ياللۇغى، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىششىق، نېرۋا مۇسكۇللىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى:

    كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلىدىغانلار: بۇنداق كىشىلەر ۋىتامىن B1  ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن شېكەرنى يېتەرلىك ماددا ئالماشتۇرغۇزۇپ ئېنىرگىيىگە ئايلاندۇرالايدۇ. 

    قىزىپ قالغان، قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كەتكەن، ھەرىكەىتى زىيادە ياكى مۇسكۇلىنى كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈدىغانلار: بۇنداق كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى ئالماشتۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنى يېتەرلىك مىقداردىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇلار تېخىمۇ كۆپ ۋىتامىن B1  غا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. 

     دائىم ھاراق ئىچىدىغانلار: ئىسپىرت ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ۋىتامىن B1  نى قوبۇل قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن B1  يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ۋىتامىن B1  نى ئالاھىدە تولۇقلىشى زۆرۈر. 

    تەييار چۆپ قاتارلىق پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەر: ئەگەر بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا ۋىتامىن B1  نىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ۋىتامىن B1  نى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى زۆرۈر. 

    ھامىلىدار ئاياللار: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ۋىتامىن B1  ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

    ياشانغانلار: ياشانغانلارنىڭ ۋىتامىن B1  نى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاپ تۇرۇشى لازىم. 

    ھەمىشە ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغانلار. ھەزىم قىلىشى ناچارلاشقانلار ياكى قەۋزىيەت بولغانلار. نېرۋا ياللۇغى، نېرۋا ئاغرىشقا گىرىپتار بولغانلار. كېسەل بولغان، بېسىمغا ئۇچرىغان، ھادىسىگە ئۇچرىغانلار ياكى ئوپراتسىيە قىلىنغان بىمارلار.

    يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى: 

    ۋىتامىن B1  ھەرخىل تەبىئىي يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كەڭ تۈردە مەۋجۇت، لېكىن ئۇنىڭ مىقدارى يېمەكلىك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى،  مەسىلەن: كالا، ئات، قوي قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ جىگىرى، يۈرىكى ۋە بۆرىكى تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1  نىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ. 

    ۋىتامىن B1  يەنە ئاشلىق زىرائەتلىرى، جۈملىدىن گۈرۈچ، بۇغداي، ئۇنى ۋە كۆپممىقۇناق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ كۆپلەپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر دائىم ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتاتلار تەركىبىدىمۇ ۋىتامىن B1 مول.

    مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى: 

    نورمال ئەھۋالدا، ئەگەر ۋىتامىن B1  ئىستېمال قىلىش مىقدارى كۈنىگە 5-10 گرامدىن ئېشىپ كەتسە، تىترەش، قاپارتما چىقىش، باش ئاغرىش، ئىششىق، كۆز تورلىشىش، ھارغىنلىق، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىچ سۈرۈش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغان ھامىلىدار ئاياللار كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلسا، تۇققاندىن كېيىن قان توختىماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئالامەتلەر ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق نۇقسان يەتكۈزمەيدۇ، ۋىتامىن B1  نى ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىن، بۇ ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1770
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1702
  • شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
    شوپۇرلار كۆزەينىكى 1706
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
    كۆز ئاسىراش كۆزەينىكى T6580
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
    ئورۇقلىتىش ۋە ئىسسىق ساقلاش بەللىكى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000764号