ۋىتامىن E نىڭ ئارخىپى:
باشقىچە ئاتىلىشى: توكوفېرول، تۇغۇش ۋىتامىنى، تۇغماسلىققا قارشى ۋىتامىن.
تۈرى: ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن E قان تومۇرنى تازىلىغۇچى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇنىڭ يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارىتا روشەن ئۈنۈمى بار بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ياشلىق باھارىنى ساقلاش رولىغا ئىگە.
ئاساسلىق رولى
يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ. ۋىتامىن E ئادەم بەدىنىدە كەڭ دائىرلىك فىزىئولوگىيىلىك رولغا ئىگە، ياغدا ئېرىيدىغان مۇھىم ۋىتامىن ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەبىئىي رېئاكتىپ بولۇپ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ بۇزغۇنچىلىق تەسىرىگە قارشى تۇرالايدۇ، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ زىيادە ئوكسىدلىنىشىنى ئازايتىپ، لىپىد (ياغ ماددىسى) لىق پېروكسىدلارنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تېرىنى ئاسراپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە ۋىتامىن E نىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق نەرسىسىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش، ياشلىق باھارىنى ساقلاش، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىش، تاتۇقنى تەدرىجىي يوقىتىۋېتىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە. ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئالىملار، كىشىلەر ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق قېرىشنى كېچىكتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
بىرخىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋىتامىن E تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئۈچەي يولى ۋە توقۇلمىلاردا ئوكسىدلىنىپ پارچىلىنىشى ئەڭ ئاز دەرىجىگىچە ئازايتالايدۇ، ھەجەيرە پەردىسىدىكى كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى ئەركىن رادىكاللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن قوغداپ، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ، ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشى ۋە ئاكتىپلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىش جەريانىنى كېچىكتۈرىدۇ، شۇڭا مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەر ئۇنى «ھۈجەيرىدىن قوغدىغۇچى فاكتور» دەپ ئاتايدۇ. دەل مۇشۇ خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن، ۋىتامىن E ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىغا ئىگە.
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ:
ۋىتامىن E يەنە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول يەنى زىيانلىق خولېستېرول ( LDL) نىڭ قان تومۇردا جۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قېتىشىشى، سەكتە، يۇقىرى قان بېسىم ۋە قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۇنىڭ يەنە قان پلاستىنكىلىرىنىڭ زىيادە يىغىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، بەدەندىكى زىيادە كۆپ ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىش، پېروكسىدلارنىڭ ھۈجەيرىگە بولغان زىيانكەشلىكىنى نېيتراللاشتۇرۇش، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆپكىنى ئاسراش ۋە تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، خىلمۇ خىل بۇلغىنىشلار بىلەن تولغان مۇھىتتا ياشايدىغان ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەم بولسا بولمايدىغان ۋىتامىن ھېسابلىنىدۇ.
ۋىتامىن E يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى:
ۋىتامىن E يېتىشمىسە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئېرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يىنىك دەرىجىدىكى قان ئېرىشچان قان ئازلىق ۋە يۇلۇن-كىچىك مېڭە كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل كېسەللىك ئاساسلىقى بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاسان قوزغىلىدىغىنى قان ئېرىشچان قان ئازلىقتىن ئىبارەت.
قان ئېرىشچان قان ئازلىق بولسا ۋىتامىن E يېتىشمەسلىكنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالامىتىدۇر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قان شىرىسىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقتىن، كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ، بۇ ئارقىلىق قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى يېرىپ تاشلاپ، قان ئېرىشچان قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن E يېتىشمىسە يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ:
كۆپىيىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ (مەسىلەن، جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاش، ھامىلىدار بولماسلىق ۋەتۇغماسلىق، تۇغما بويىدىن ئاجراش قاتارلىقلار).
يۈرەك مۇسكۇلى نورمالسىزلىشىدۇ، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئاسان تەرلەيدۇ.
قاندا نورمالسىز ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ھارغىن ياكى ئىناكسى سۇس، رەھىمسىز بولۇپ قالىدۇ.
ئاسانلا ئىرسىي كېسەللىكلەر ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
تېرە قۇرغاقلىشىدۇ ياكى قېرىيدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى:
ھاۋانىڭ بۇلغۇنىشى ئېغىر بولغان رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر.
ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە يېقىنلاپ قالغان ئاياللار ۋە شۇ دەۋىردە تۇرىۋاتقان ئاياللار.
قان قېيىپ قېلىش خاراكتېرلىك يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق ۋە يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر.
ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.
تۇغۇش ئالدىدا كالتە تولغاق يەۋاتقان كىشىلەر.
ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ جاراھەتلەنگەن كىشىلەر.
ياشانغانلار.
زىققە، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى بىمارلىرى.
قاناشقا مايىللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.
مۇسكۇل كۈچسىزلىنىش ئالامىتى بارلار.
پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار.
يۇقىرى قان بېسىم ياكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار.
ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى:
جىنسىي جەھەتتە بالدۇر يېتىلىش كۆرۈلىدۇ.
ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ.
قاناش خەۋىپى ئاشىدۇ.
كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، ئىچ سۈرۈش كۆرۈلىدۇ.
باش ئاغرىش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، باش قېيىش كۆرۈلىدۇ.
قان زەردابى تەركىبىدىكى قالقانسىمان نىسبىتى تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ.
قاننىڭ ئۇيۇشقا ئامالسىز قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: ھەر كۈنى 1-2 قېتىم تولۇقلاپ تۇرۇش لازىم، ۋىتامىن E ئۆسۈملۈك يېغى تەركىبىدە كۆپرەك بولىدۇ. ۋىتامىن E نىڭ ئۆزى زەھەرسىز، ئەمما بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا بەدەندە زاپاس ساقلىنىپ تۇرغان ۋىتامىن A نى خورىتىپ تۈگىتىۋېتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号