ۋىتامىن D نىڭ ئارخىپى:
باشقىچە ئاتىلىشى: ئېرگوكالتسىيفېرول، راخىت كېسىلىگە قارشى ۋىتامىن.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: ۋىتامىن D بارلىق خولېكالسىيفېرول بىئوئاكتىپلىقىغا ئىگە ستېروئىدلارنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئادەم بەدىنىگە قارىتا رول ئوينايدىغىنى ئاساسلىق ئىككى تۈرلۈك، بىرى، ۋىتامىن D3، بۇ يەنە خولېكالتسىيفېرول دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋىتامىن D2 ۋىتامىن D3 بىلەن خىمىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتە ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ رولى كىچىك بولۇپ، پەقەت ۋىتامىن D3نىڭ رولىنىڭ 3/1 گىلا توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە كىشىلەر بۇ ئىككى خىل ۋىتامىننى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋىتامىن D دەپ ئاتايدۇ.
ئاساسلىق رولى:
سۆڭەك ماددىسىنى كۈچەيتىپ، يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ۋىتامىن D نىڭ ئورگانىزمدىكى كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەشكە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم رولى بار، ئۇ قان ۋە توقۇلما سۇيۇقلۇقىدىكى كالتسىي، فوسفور قويۇقلۇقىنىڭ نىسپىي تۇراقلىق بولۇشىنى ساقلايدۇ، يېڭىدىن ھاسىل بولغان سۆڭەك ماددىسىنىڭ نورمال كالتسىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ۋىتامىن D ۋە كالتسىي ھەر قايسى ياش قاتلىمىدىكىلەر ئۈچۈن ئوخشاشلا ئەڭ مۇھىم بولۇپ، سۆڭەك بىلەن چىشنىڭ ئۆسۈشىگە قارىتا ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىپ پايدىلىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەكلەرنى ساغلام قىلىدۇ، ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك كېسىلى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ۋىتامىن D يېتىمەسلىك كېسىلىگە قارىتا، مۇتەخەسىسلەر ھەردائىم ئاپتاپقا قاقلانغاندىن باشقا، يەنە ۋىتامىن D دىن پايدىلىنىپ داۋالاش كېرەك، دەپ قارايدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدايدۇ.
تەتقىقات ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى مۇۋاپىق ھالدا ئاپتاپقا قاقلاپ بەرگەندە، نۆۋەتتە داۋالاپ ساقايتىشقا ئامال بولمايۋاتقان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئاپتاپقا قاقلىنىش ئىنسانلارنىڭ ۋىتامىن D غا ئېرىشىشتىكى ئاسسلىق ئۇسۇلى، ھالبۇكى نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر، شىمالدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردە ۋىتامىن D يېتىشمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ئاز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت، ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئاز بولۇشى كىشىلەرنىڭ كۆپ ئورۇنلۇق قېتىشقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ۋىتامىن D راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەزى بېزى راكىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بوغما ئۈچەي راكى پەيدا بولۇش ئېھتىمالىنى ئازايتىدۇ.
ۋىتامىن D يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى:
ياشانغانلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
راخىت كېسىلى: كىچىك بالىلاردا سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى نورمال بولماسلىق، چىشنىڭ چىقىشى ئاستا بولۇش، مۇسكۇللىرى ئاجىز ھالەتتە بولۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ؛ قۇرامىغا يەتكەنلەردە بولسا ئاسانلا پەي تارتىشىش ۋە سۆڭەك سۇنۇش، قوۋۇرغا، داس سۆڭىكى ۋە پۇتى ئاغرىش، مۇسكۇللىرى ئاجىز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
سۆڭەك يۇمشاقلىشش كېسىلى: سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلى كۆپىنچە سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تاماملانغان قۇرامىغا يەتكەنلەردە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار، كۆپ تۇغقان ئاياللار، شۇنىڭدەك تېنى ئاجىز، كېسەلچان ياشانغان كىشىلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. مۇسكۇلى كۈچسىز بولۇش ۋىتامىن D كەملىكنىڭ بىر مۇھىم ئىپادىسى بولۇپ، دەسلەپتە بىمار پەلەمپەي بىلەن بىناغا چىققاندا ياكى ئولتۇرغاندا، ئورنىدىن تۇرغاندا ناھايىتى كۈچەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە سۆڭەكلىرى ئاغرىيدۇ ۋە مۇسكۇللىرى كۈچسىز، بىمارنىڭ قەدەم ھالىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۆردەكتەك مېڭىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يول مېڭىشى قىيىنلىشىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ. كلىنكىدا يەنە كۆپ بىمارلاردا پاتولوگىيىلىك سۆڭەك سۇنۇش يۈز بېرىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى:
گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار، ھەمىشە سىرتتا تاماق يەيدىغانلار،يېتىلىۋاتقان بالىلار ۋە ياشلار، ۋىتامىن D قوشۇلمىغان سۈت ئىچىدىغان كىچىك بالىلار، چېكىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار، كېچىسى ئىشلەيدىغانلار، كۈن نۇرىغا قاقلىنىش پۇرسىتى ئاز بولغانلار، ياشانغانلار، ھامىلىدار ياكى بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللار، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بالىلار، بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
ۋىتامىن D بەدەندە جۇغلىنىدۇ، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋىتامىن D يېتىشمىگەنلەرنىڭ ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
كالا سۈتى ئاساسلىق يېمەكلىكى قىلىنىدىغان بوۋاقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن D تولۇقلاپ بېرىش، شۇنىڭدەك پات-پات ئاپتاپقا قاقلاپ تۇرۇش لازىم، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق.
ۋىتامىن D ئىشقارلىق شارائىتتا بىر قەدەر تۇراقلىق، ئەمما ئەگەر ئوكسىدلانسا ياكى يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بىلەن ئۇچراشسا، تۇراقسىزلىق ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاماق تەييارلاش داۋامىدا %40 تىن كۆپرەكى زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号