ۋىتامىن بىلەن مىنېرال ماددا ئوخشاشلا ئادەم بەدىنى بىرىكتۈرەلمەيدىغان مىكىرو مىقدارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتقا تەۋە. ئىككىسىنىڭ پەرقى تۆۋەندىكىچە:
ۋىتامىن ئورگانىك بىرىكمىدىن ئىبارەت، مىنېرال ماددا بولسا ئانئورگانىك بىرىكمىدىن ئىبارەت. ۋىتامىن بولسا ئورگانىزىمدىن ياسىلىپ چىقىدىغان ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئورگانىزىم تەرىپىدىن تولۇق پايدىلىنىلغاندىن كېيىن كاربون(IV) ئوكسىدى بىلەن سۇغا ئايلىنىدۇ؛ مىنېرال ماددا بولسا تۇپراق، تاشلارنىڭ تەكرىبىدە ساقلىنىدۇ، ئورگانىزىم ئۇلارنى تۇپراقتىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆز تېنىدە ساقلايدۇ.
مىنېرال ماددا زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاز ئۈنۈملۈك مىقدارى بىلەن زەھەرلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىقدارى ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، سەللا كۆپ بولۇپ كەتسە، زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەمما ۋىتامىننىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە زەھەرلىنىش پەيدا قىلىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلاردىن ۋىتامىنA، ۋىتامىن D دىن باشقا، قالغان ۋىتامىنلارنىڭ ئەڭ ئاز ئۈنۈملۈك مىقدارى بىلەن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ، ھەتتا زەھەرلىنىش پەيدا قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. كالىتسىي بولسا زەھەرلىنىش پەيدا قىلمايدىغان بىردىنبىر مىنېرال ماددا (چۈنكى كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئورگانىزىم تەرىپىدىن تىزگىنلىنىدۇ)، باشىقا مىنېرال ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە كۆپ بولغاندا بىردەك زەھەرلىنىش رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاشتا ئۇلارنىڭ دورا مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ۋىتامىن بىلەن مىنېرال ماددا ئىنتايىن ياخشى شېرىكلەر بولۇپ، ئۇلار بەدەندە ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئۈنۈمىنى بىرلىكتە جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەسىلەن: ۋىتامىن D نى تولۇقلاشتا چوقۇم بىرلا ۋاقىتتا كالىتسىينىمۇ تولۇقلاش زۆرۆر، مۇشۇنداق قىلغاندا ۋىتامىنD نى بەدەندە ئاكتىپلىشىپ رولىنى جارى قىلىدىغان قىلغىلى، بۇ ئارقىلىق كالىتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号