نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ ئارخىپى
باشقىچە ئاتىلىشى: ۋىتامىن PP، تېرە يىرىكلىشىش كېسىلى (پېللاگرا) گە قارشى فاكتور.
تۈرى: سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن.
قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: نىكوتىن كىسلاتاسى B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار ئارىسىدىكى ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق مىقدارى ئەڭ ككپ ۋىتامىن بولۇپ، ئۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە جىنسىي ھورمۇننىڭ بېرىكتۈرۈلۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر. تېرە يىرىكلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ۋە بېسىمنى يەڭگىللىتىش جەھەتتە، نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
ئاساسلىق رولى
ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ توسالغۇلىرىنى يەڭگىللىتىپ، ئادەم بەدىنىنى يېمەكلىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
تېرە يىرىكلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، تېرىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
خولېستېرول ۋە ترىگلىتىسېرىد مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ دەۋرىي ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ.
ئېغىز بوشلۇقى، كالپۇكلارنىڭ ياللۇغىنى داۋالايدۇ، ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىچ سۈرۈش كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللىتىدۇ.
ئېغىر دەرىجىدىكى شەقىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللىتىدۇ. مېنېئېر يىغىندى ئالامىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىدۇ.
يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى
دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىپادىلىنىشى تېرە قۇياش نۇرىغا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ كېتىش، ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇنتۇغاق بولۇپ قېلىش، تىت-تىت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەردىن ئىبارەت بولىدۇ.
تېرە يىرىكلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، چارچاش ھېس قىلىدۇ، مۇسكۇللىرى كۈچسىزلىنىدۇ.
تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى
ھاراقنى ككپ ئىچىدىغانلار: ئىسپىرت بەدەندىكى B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنى ناھايىتى ككپ خورىتىۋېتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەنلەر كۈنىگە ئاز بولغاندا 75 مىللىگرام نىكوتىن كىسلاتاسى ئىستېمال قىلىشى زۆرۈر.
تاماكا چېكىدىغانلار: تاماكا چېكىش ئادەم بەدىنىنىڭ نىكوتىن كىسلاتاسىنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاماكا چېكىدىغانلار نىكوتىن كىسلاتاسىنى ككپرەك تولۇقلاپ تۇرۇشى زۆرۈر.
ھەمىشە تەشۋىشلىنىدىغانلار: كەيپىياتى ياكى روھىي ھالىتى تۇراقسىزلار:نىكوتىن كىسلاتاسىنىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بولغانلىقتىن، بۇ ئالامەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا پەسەيتەلەيدۇ.
ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلار: نىكوتىن كىسلاتاسى غەمكىنلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلارنىڭ كېچىدە ئويغىنىش قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ.
دائىم بېشى ئاغرىيدىغانلار: نىكوتىن كىسلاتاسى مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىكى چىقىمىنىڭ كىرىمىدىن ئېشىپ كېتىشى ياكى بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ.
خولېستېرول مىقدارى سەل يۇقىرىلار: نىكوتىن كىسلاتاسى خولېستېرول ۋە ترىگلىتسېرىد مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە، شۇنىڭدەك ئۇ قاننىڭ دەۋرىي ئايلىنىشىنى ياخشىلايدۇ، ئۇ يەنە زىيانلىق خولېستېرولنى ئازايتىش رولىغا، پايدىلىق خولېستېرولنى كۆپەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
ئاسان چارچايدىغانلار:
ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار:
يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى:
نىكوتىن كىسلاتاسى باشقا ۋىتامىنلارغا ئوخشاشلا ھەرخىل يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت. ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە نىكوتىنامىد شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۈسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە بولسا نىكوتىن كىسلاتاسى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئاكتىپلىقى ئوخشاش، شۇڭا ئومۇملاشتۇرۇپ نىكوتىن كىسلاتاسى دەپ ئاتىلىدۇ.
دانلىق زىرائەت، قارا ئاشلىق تۈرىدىكىلەر: مەسىلەن، بۇغداينىڭ تۆرەلمە بېخى، يىرىك گۈرۈچ، ئارپا، گۈرۈچ شاكىلى، شۇنىڭدەك پۇرچاق تۈرىدىكىلەر.
گۆش تۈرىدىكىلەر: كالا گۆشى، قوي گۆشى، ھايۋانلارنىڭ جىگىرى قاتارلىقلار.
كۆكتات تۈرىدىكىلەر: قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار، سەي پۇرچاق، يىلتىز غوللۇق كۆكتاتلار.
مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى
مىقدارى سەللا چەكتىن ئېشىپ كەتسە، يۈز ۋە مۈرە تېرىسى قىزىرىش، باش ئاغرىش، قىچىشىش، ئاشقازان كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مىقدارى كۆرۈنەرلىك ھالدا چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号