ئانار دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى يەتتە مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتى ۋە مەنزىرە قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
پىشقان ئانارنىڭ پوستى ئوچۇق قىزىل ياكى ھال رەڭدە بولۇپ، كۆپىنچە يېرىلىپ، قاشتېشىغا ئوخشاش جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان ئانار دانىلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، گەرچە ئۇنى يېيىش ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ، ئەمما تەمى ئېغىزدا قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، دانىلىرى كۆپ ۋە تولۇق بولغانلىقتىن، ھەمىشە تەبرىكلەشكە ئىشلىتىلىدىغان مېۋە دەپ قارىلىپ، بەختلىك بولۇش، گۈللۈپ ياشناشقا سىموۋول قىلىنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قەدىمكى دەۋرلەردىكى كېنىزەكلەر ئانار شەربىتىنى ئەڭلىك ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئانار تەركىبىدە ۋىتامىن C، فوسفور، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئانارنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار بولۇپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئانارنىڭ ئېنىق ھالدا قورۇش رولى بار بولۇپ، ئۈچەينى قورۇپ، قاننى توختىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ياخشى باكتېرىيە تىزگىنلەش رولى بولغانلىقتىن، ئىچ سۈرۈش، قاناشنى داۋالاشتىكى ئېسىل بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. ئانار جىگەر كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىشقا شىپا بولىدۇ.
ئانار شەربىتى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرالايدۇ.
ئانارنىڭ ئۆزگىچە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار. ئىسرائىلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر كۈنىگە 2-3 ئۇنسىيە (بىر ئۇنسىيە 28.3495 گرامغا تەڭ) ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرسە، بۇنى ئۇدا ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا، ئوكسىدلىنىش جەريانىنى %40 ئازايتقىلى ھەمدە چۆكمە ھاسىل قىلغان ئوكسىدلانغان خولېستېرولنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. ئانار شەربىتى ئىچىش توختىتىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئاجايىپ ئۈنۈمى بىر ئايغىچە داۋام قىلىدىكەن.
ئانار شەربىتى قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئانارنى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە ھاراق، ئاچچىقسۇ ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئىچىملىكلەرنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
ئانارنى كۆپ يېگەندە، چىشنىڭ ئېمال قەۋىتىنى چىرىتىدۇ، ئانار شىرنىسى تەركىبىدىكى پېگمېنت چىشنى قارايتى قويىدۇ ھەمدە ئاسانلا ئىسسىقنى ئاشۇرۇپ، بەلغەم پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئانارنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.
ئانار شېكىرىنىڭ كۆپىنچە قورۇش رولى بولىدۇ، زۇكامداپ قالغانلار ۋە ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشقا گىرىپتار بولغانلار، چوڭ تەرىتى قېتىپ قالىدىغانلار ئانار ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئانار ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك.
ئانار شىرنىسىنىڭ كىيىمگە يۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بولمىسا ئاسانلىقچە يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号