ئاپېلسىن چۈچۈمەل، تاتلىق ئىككى خىل بولىدۇ. چۈچۈمەل ئاپېلسىننىڭ تەمى چۈچۈمەلرەك ئاچچىق بولۇپ، ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق ئەمەس، تاتلىق ئاپېلسىننىڭ بولسا رەڭگى ئوچۇق، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، سىرتقى كۆرۈنۈشى تەكشى چىرايلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن مېۋىدۇر.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئاپېلسىن تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 ھەمدە ماگنىي، سىنك، كالتسىي، تۆمۈر، فوسفور، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.
ئاپېلسىن قىل قان تومۇرلارنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىدۇ، قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
ئاپېلسىن تېرىنىڭ نەمخۇشلۇقىنى ساقلايدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان زۇكام، سوغۇق تېگىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يېقىن يولاتمايدۇ.
دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ئاپېلسىن يەپ بەرگەندە ياكى ئاپېلسىن شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە، ئورگانىزمنىڭ دورىنى شۈمۈرۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ.
ئاپېلسىننىڭ پۇرىقى كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق، ئەمما ئۇ پەقەت ئاياللارنىڭلا جىددىي كەيپىياتىنى تۈگىتىش، باش ئاغرىشنى پەسەيتىش، ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئەرلەرگە بولغان رولى چوڭ ئەمەس.
ئاپېلسىن چوڭ مېڭىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجخسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ. كىچىك بالىلار ئاپېلسىن يەپ بەرسە، ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، بويىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاياللار ئاپېلسىن يەپ بەرسە، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولۇپ، قورۇقنى ئازايتىدۇ.
ئاپېلسىن يەنە ئۆت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە قىەەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدۇ.
ئاپېلسىننىڭ شۆپۈكىنى ئاشقازان ئىقتىدارىنى ياخشىلاش دورىسى، خۇش پۇراق تەم خۇرۇچى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئاپېلسىننى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما پەقەت ئاپېلسىن شەربىتىنىلا ئىستېمال قىلغاندا، ئۇنىڭ سالامەتلىكنى ساقلاش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندا، ئەڭ ياخشىسى ھۆل ئاپېلسىن ئىستېمال قىلىش لازىم.
ئاپېلسىن يېيىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر سائەت ئىچىدە سۈت ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل مېۋە كىسلاتاسى بىلەن ئۇچراشقاندا قېتىۋېلىپ، ھەزىم قىلىشنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.
قالقانسىمان بەزنىڭ ئىششىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاپېلسىننى تۇرۇپ (لوبو) بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
ئاپېلسىننى تاماقتىن بۇرۇن ياكى ئاچ قورساق چاغدا يېمەسلىك لازىم، بولمىسا ئاپېلسىن تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلايدۇ، بۇ ئاشقازان ئۈچۈن پايدىسىز.
ئاپېلسىن شۆپۈكىنى چاي دەملەپ ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئاپېلسىن شۆپۈكىدە ئادەتتە يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى بولىدۇ، ئۇنى سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش ناھايىتى تەس.
ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان ياشانغانلار ئاپېلسىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاغرىش، بەل تېلىپ ئاغرىش، پۇت ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم.
ئاپېلسىن يېيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما بەك كۆپ يېمەسلىك، ئاپېلسىن يەپ بولغاندىن كېيىن، ئېغىز بوشلۇقى، چىشقا زىيان يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆز ۋاقتىدا چىش چوتكىلاش، ئېغىزنى چايقاش لازىم.
سېسىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن ئاپېلسىننى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاپېلسىن شۆپۈكىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ياستۇققا سېلىپ ئىشلەتسە، ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغرىشقا قارىتا داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号