ئامېرىكا بۆلچۈرگەننى ئون چوڭ ھەسىن تۈزەش يېمەكلىكى قاتارىغا كىرگۈزگەن. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئاياللار دائىم بۆلجۈرگەن يەپ بەرسە، تېرىسى، چېچىغا نىسبەتەن ساقلىقنى ساقلاش رولى بولىدىكەن.
بۆلجۈرگەننىڭ سىرتقى شەكلى يۈرەككە ئوخشاش، رەڭگى ئوچۇق قىزىل، ئېتىنىڭ شىرنىسى كۆپ، چۈچۈمەل تاتلىق، خۇش پۇرىقى كۈچلۈك كېلىدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەتتىكى مېۋىلەردە يوق يېقىملىق خۇش پۇرىقى بولۇپ، مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدىكى رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ئەڭ ئېسىل مېۋە ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «مېۋىلەر ئارىسىدىكى خانىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
بۆلجۈرگەن تەركىبىدە مول ۋىتامىن C بار.
بۆلجۈرگەن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىنى توسىدىغان بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
بۆلجۈرگەن ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەيگە ۋە قان ئازلىققا نىسبەتەن مۇئەييەن ياخشىلاش ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە.
بۆلجۈرگەن كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە. ئۇ بەدەندىك «داشقال» لارنى تەبىئىي ۋە ئاستا-ئاستا رەۋىشتە چىقىرىپ تاشلاپ، تاجسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىمۇ بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.
بۆلجۈرگەننىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ، خىلىت پەيدا قىلىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، قاننى سوۋۇتۇش، تەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، مەستلىكنى يېشىش قاتارلىق رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بۆلجۈرگەننى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، ھەرخىل مەززىلىك قورۇمىلارنى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بۆلجۈرگەننى قايماق ياكى سۈتكە ئارىلاشتۇرۇش؛ ئۇنىڭدىن يەنە شىرنە، مۇراببا تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ. بۆلجۈرگەننىڭ سىرتقى يۈزى يىرىك، ئاسانلىقچە پاكىز يۇغىلى بولمايدۇ. ئۇنى سۇس تۇز سۈيىگە ياكى مارگانسوپ ئېرىتمىسىگە 10 مىنۇت چىلاپ قويسا، ھەم باكتېرىيە ئكلتۈرگىلى، ھەم پاكىز يۇغىلى بولىدۇ.
بۆلجۈرگەن تەركىبىدە كالتسىي ئوكسالات مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، سۈيىدەك يولىدا تاش پەيدا بولغانلار بۆلجۈرگەننى زىيادە كۆپ يېمەسلىكى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号