كوكۇس تىپىك ئىسسىق بەلۋاغ مېۋىسى. ئۇنىڭ مېۋىسى پىشقانسېرى، تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ياغمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ڭ جەنۇبتىن چىقىدىغان باشقا مېۋىلەرنى بۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. كوكۇسننىڭ شىرنىسى ۋە ئېتى تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار، شىرنىسى بەئەينى سۇدەك سۈزۈك، بالدەك تاتلىق، ئىچكەندە مەززىلىك ھەم تاتلىق بىلىنىدۇ، كوكۇسنىڭ ئېتى خۇش پۇراقلىق، چۈرۈك، قايماقتەك يۇمشاق كېلىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كوكۇس تەركىبىدە ۋىتامىن C، نىكوتىن كىسلاتاسى، فوسفور، كالىي، ناترىي قاتارلىقلار بار.
كوكۇس ئېتى تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، قۇرت ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە، كوكۇس شىرنىسى ئىسسىقنى ھەيدەپ سالقىندىتىش، خلىت پەيدا قىلىپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، يەنە يۈرەكنى كۈچەيتىپ، قۇۋۋەتنى تولۇقلاش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، قەي قىلىشنى، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، خىلىت پەيدا قىلىپ، ھۆللۈكنى ھەيدەش رولىغا ئىگە. كوكۇس يېغى ئورگانىزمنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تولۇقلاش، ھۆسن گۈزۈللەشتۈرۈش، تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كوكۇس ئېتىنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قورۇپ، شېكەر سېلىپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن شورپا قاينىتىپ ئىچكەندە، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.
بەدەننى قۇرۇق ئىسسىق قاپلاپ كەتكەن كىشىلەر دائىم كوكۇس ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇسى ياخشى بولماي كېلىۋاتقانلار، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق كىشىلەر، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ياكى ئېغىزى، تىلى قۇرۇپ تۇرىدىغانلار كوكۇسنى ھەرگىز كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
يۈرەك زەئىپلىكىگە گىرىپتار بولغانلار يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كوكۇس ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.
كوكۇس شىرنىسى كوكۇس شاكىلىدىن ئايرىلسىلا تەمى ئكزگىرىپ كېتىدۇ، ئەتىگەندە چىقىرىلغان شىرنىسى بىرقەدەر قاتتىق، چۈشتىن كېيىن چىقىرىلغان شىرنىسى بىرقەدەر لاۋزا بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000764号